باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

قولغا چۈشكەن ئەمەلدارلار ئۆزىنىلا نابۇت قىلماستىن، خوتۇن-بالىلىرىنىمۇ تەڭ نابۇت قىلدى

2016.10.28 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، «مەڭگۈ يولدا» دېگەن مەخسۇس تېمىلىق ھۆججەتلىك فىلىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كىشىلەر كەچلىرى تالىشىپ كۆرۈشسە، كۈندۈزلىرى بەس مۇنازىرە قىلىشتى، ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان سۆز «ھەيران بولۇش» ۋە «ئويلىنىش» بولدى.

  يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم چىرىك ئۇنسۇرلار ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشۈپ، بۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ ئاچچىقى چىقتى، خۇرسەن بولدى. نوقۇل سان-سىپىرلار جانلىق تەسۋىرگە ئايلىنىپ، ئىلگىرى مەرتىۋىلىك، ھەيۋىسى چوڭ ئەربابلار، بۈگۈنكى كۈندە تاماشىبىنلار ئالدىدا توختىماي ياش تۆكتى. بۇنداق كۈچلۈك پەرق كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سۆڭەكنى قىرقىپ زەھەرنى داۋالاشتىكى جاسارىتى ۋە كۈچىدىن ھاياجانلاندى.

  ھەيرانلىق كىشىنى ئەڭ ئاسان ئويغا سالىدۇ. تاماشا تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ياشانغان كىشىلەردىن ھېچقانداق پەرقى قالمىدى، ئوخشىمايدىغىنى، ئاددىي پۇقرالار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەلەيدۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلالمايدۇ. جىنايەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار ئىچ ئاغرىتىشقا ئەرزىمەيدۇ؛ ياشانغان كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار ھەقىقەتەن بەك بىچارە. ئۆزى قولى بىلەن ئۆزىنى نابۇت قىلىپلا قالماستىن، خوتۇن-بالىلىرىنىمۇ تەڭ نابۇت قىلدى. ئۇلار ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ؟

  «ساراڭلىق» دەل مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ئورتاق كېسىلى. كونىلارنىڭ «كەمتەر بولساڭ ئۆسەرسەن، مەغرۇرلانساڭ چۆكەرسەن» دېگەن گېپى بار. بۇنىڭ مەنىسى ئۇنچىلىك چوڭقۇر ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى باشقىلارنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس، نېمىشقا بۇنداق ساراڭلىق قىلىدۇ، ئۆزى بىلەن ئۆچى بارمىدۇ؟

  بېشىدا شالدۇر-شۇلدۇر، ئاخىرىدا شىلدىر-شىلدىر بولۇش ئۇلارنىڭ نابۇت بولۇشىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. قولغا چۈشكەن نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئىلگىرى «ئاددىي پۇقرانىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئۈلگىسى ئىدى، ئۇلارنىڭ تۆككەن ئەجرى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىسى باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ. ئۇلار نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، بەزىلىرىنىڭ كىيىدىغانغا كىيىمى، يەيدىغانغا نېنى يوق، بەزىلىرى بۇرۇنلا ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇشتىمۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە تايىناتتى، لېكىن ئۇلار تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىدىن قورقماي، چىشىنى چىڭ چىشلەپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. ئىلگىرى پۇقرالار ئۈچۈن تەر تۆكۈپ، خىزمەت كۆرسىتىپ، تەشكىلنىڭ غەمخورلۇق قىلىپ تەربىيەلىشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ، پارلاق كەلگۈسىگە قەدەم قويدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر