باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ياۋروپاغا تۇتاشقان كۆۋرۈك

‐‐‐ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا سەپىرى ھەققىدە

2014.04.03 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا-ياۋروپا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ بىر ئۇچى جۇڭگودا، يەنە بىر ئۇچى ياۋروپادا.

  جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇمىي نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتدىن بىرىنى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ كۈچى، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش ۋەزىيىتى ئىككى تەرەپنى بىر-بىرىگە مۇستەھكەم باغلىدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشى دۇنيا ئەندىزىسىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  2014-يىلى جۇڭگو دىپلوماتىيەسى سوچى قىشلىق ئو ت م دىن باشلىنىپ، ياۋروپادا داۋام قىلدى.

  3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا-ياۋروپا كۆۋرۈكىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا بېرىپ، گوللاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيەلەردە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، گوللاندىيەدە ئېچىلغان يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلدى.

  11 كۈندە 84 پائالىيەتكە قاتناشتى. يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى سۈرەتتەك گۈزەل ئامىستىردامدا باشلاندى. بۇ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تېز رېتىملىق زىيارەت جۇڭگو دىپلوماتىيە تارىخىدا نۇرغۇن «تۇنجى»لارنى ياراتتى: جۇڭگو دۆلەت باشلىقى تۇنجى قېتىم گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولدى، ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلدى.

  بۇ كەڭ كۆلەملىك، ھەر تەرەپلىمىلىك زىيارەت جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى نۇرغۇن ساھەلەرنى چوڭقۇرلاشتۇردى: جۇڭگو-فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېرىم ئەسىرلىك دىپلوماتىيە جاسارىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى «قايسى يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلاندۇرۇش، قانداق راۋاجلاندۇرۇش» پىلانلاندى؛ جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىق بىلەن چەكلىنىپ قالماي، سىياسىي ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدى؛ جۇڭگو-بېلگىيە مۇناسىۋىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. (دۇ شاڭزې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر