باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن گۈزەل پەرىشتە ـــ مەلىكە مەتسەيدى

2014.04.02 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ، «دۇنيا سىز بىلەن گۈزەل ـــ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭگولۇقلار مەرىكىسى 2013-2014» ئاخىرلاشتى، 5 چوڭ ساھەدىن كەلگەن 11 شەخس مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئارىسىدا بىر چىرايلىق ئۇيغۇر قىزى بار بولۇپ، ئۇ دەل ئىتالىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر دوختۇر مەلىكە مەتسەيدى.

  تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە تۇغۇلغان مەلىكە بىر مېدېتسىنا دوكتورى بولۇپ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يۈرەك قان تۇمۇر تەرەپتىكى داۋالاش خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان، 2005-يىلى تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتچى تەتقىقاتچى سالاھىيىتى بىلەن ئىتالىيەگە بېرىپ، مىلان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Policlinico دوختۇرخانىسىدا يۇقىرى قان بېسىم تەتقىقات مەركىزىدە كېلىنكا تەتقىقاتى، داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شوغۇللانغان. مىلان ئۇنىۋېرسىتېتى Policlinico دوختۇرخانىسى 2012-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى رۇيجىن دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، پەن تېخنىكا تەتقىقات ھەمكارلىق مەخسۇس تېمىسى بولغان «يۈرەك كېسەللىكى خەتەرلىك ئامىللىرىنىڭ كېسەللىك قوزغىتىتىشتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك تەتقىقاتى: جۇڭگولۇقلار توپىغا قارىتىلغان دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى سېلىشتۇرما» نى تەسىس قىلدى. مەلىكە دوكتۇر بۇ تارىخىي خارەكتېرلىك تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئىتالىيەدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ لايىھە يېتەكچىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى.

  مەلىكە 2005-يىلى بۇ دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكى ۋە يۇقىرى قان بېسىم تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە كېلىنكىلىق داۋالاشنى قانات يايدۇردى. داۋالاش بىلەن شوغۇللانغان جەرياندا ئۇ نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ داۋالانغان مەزگىلدە تىل جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدى. جۇڭگولۇقلارنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش يېشىل كارىدورى تەسىس قىلىپ، جۇڭگولۇق بىمارلارنى ئۆزى قوبۇل قىلىپ، شۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. مەلىكە مەتسەيدى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا چوڭقۇر چۆككەنلىكى ۋە ئىزچىل چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلانى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، سۇمرۇغ تېلېۋىزىيەسى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئوننەچچە داڭلىق تاراتقۇلار ۋە ئورگانلار بىلەن بىرلىشىپ باھالايدىغان «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭگولۇقلار مۇكاپاتى» نامزاتى بولدى ۋە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر