باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يانۇكوۋىچ: ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە ئالدىرىماسلىقى كېرەك

2014.04.03 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئۇكرائىنا پارلامېنتى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان يانۇكوۋىچ 2-ئاپرېل «ئۇكرائىنادا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە ئالدىرىماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن» دېدى.

  يانۇكوۋيچ شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دون دەرياسى بويىغا جايلاشقان روستوۋ شەھىرىدە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە رۇسىيە NTV تېلېۋېزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يانۇكوۋىچ زىيارەتتە مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنا ئاۋۋال دۆلەت مېخانىزمىغا قارىتا ئومۇمىي خەلقنىڭ پىكىرىنى ئېلىشى ھەمدە ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك. «ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلغاندىلا، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى يوقاتقىلى ياكى دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى يوقىتىشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ»، ئاندىن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈش كېرەك. زۇڭتۇڭ سايلاش مەسىلىسىدە مەشغۇلات بەك جىددىي بولۇپ كېتىشى ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئىجتىمائىي ئىتتىپاقلىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. يانۇكوۋىچ فېدېراتسىيە تۈزۈمى ئۇكرائىنانى گۇمران قىلمايدۇ، ئەكىسچە «نۇرغۇن كىشىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ» دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋە غەربىي رايونلىرىدا پەرق چوڭ، نۇرغۇن زىددىيەتلەر مەۋجۇت، فېدېراتسىيە تۈزۈمى ئۇكرائىنانىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تىل، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. (يۆ ليەنگو خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر