1-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق چوڭ سارىيىدا مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم قارار، سىياسەت-تەدبىرلىرىنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشقا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك. ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى بۇنىڭدا مۇھىم تېرەكلىك رولى ئوينايدۇ.