- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچ خىراجەت» خامچوتى %7.71 قىسقارتىلىپ، بولتۇرقىدىن 33 مىليۇن 315 مىڭ يۈەن ئازايدى
2014.04.02 10:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر تويانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەر قايسى مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارغا ئاجرىتىلغان «ئۈچ خىراجەت» خامچوت سوممىسى 396 مىليۇن يۈەن بولۇپ، بولتۇرقىدىن 33 مىليۇن 150 مىڭ يۈەن ئازلاپ، %7.71 كېمەيگەن. «ئۈچ خىراجەت»تىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەتكە چىقىش خىراجىتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش خىراجىتى قاتارلىقلار ئىلگىرىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم %40 ۋە %30 ئازايغان، ھۆكۈمەت ئىشىغا ماشىنا سېتىۋېلىش ۋە يۈرۈش، ئاسراش خىراجىتى «ئۈچ خىراجەت»نىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگلىگەن بولۇپ، خامچوت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %87تىنى ئىگىلىگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر