باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيانىڭ MH370 ناملىق ئايروپىلانىنى ئىزدەشتە، نۇقتىلىق ئىزدەش رايونى شەرقىي شىمالغا يۆتكەلدى

2014.04.03 15:23   مەنبە: خەلق تورى

مالايسىيانىڭ MH370 ناملىق ئايروپىلانىنى ئىزدەشتە، نۇقتىلىق ئىزدەش رايونى شەرقىي شىمالغا يۆتكەلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل «دېڭىز چارلاش-01» ناملىق پاراخوتتىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر 2-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن «دېڭىز چارلاش-01» ناملىق پاراخوتتىكى نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 2-چېسلادىكى نۇقتىلىق ئىزدەش رايونى ئاۋسترالىيە بۇرۇن ئېلان قىلغان 1 مىليون 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق دېڭىز رايونىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي شىمال قىسمىدىكى 220 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق تىك تۆت تەرەپلىك شەكلىدىكى رايون بولۇپ، مەركىزىي نۇقتىسى جەنۇبىي كەڭلىك 29 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 101 گىرادۇس ئەتراپىغا، يەنى 1-چېسلادىكى نۇقتىلىق ئىزدەش رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. (چېن ۋېيۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز