باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاشكارلاشنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ئېلان قىلىندى

2014.04.02 10:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى «2014-يىللىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»نى ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ھۆججەتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رايونلار، تارماقلار مۇھىم نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەرىكىتى، مالىيە مەبلىغىنى باشقۇرۇش ئىشلىتىش، ئاممىۋى بايلىقنى تەقسىملەش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئاممىۋى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  1-قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرى ئورگانلارنىڭ مەمۇرى تەستىق، مەمۇرى ئىجازەت، مەمۇرى جازالاش قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، مەمۇرى ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. 2-ھۆكۈمەت خامچوت نەقچوتى، تارماقلارنىڭ خامچوت، نەقچوتى، «ئۈچ خىل راسخوت»، مالىيەنى تەپتىش قىلىش نەتىجىسى ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، «مالىيە مەبلىغى»نى ئادىل يۈرگۈزۈش؛ 3- يەر ئېلىش، كۆچۈرۈش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، مۈلۈك سودىسى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، كاپالەتلىك تۇرالغۇنى تەقسىملەش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، يەر ئېلىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى تۇرغۇزۇپ، شەھەر بازارلاردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تۈرى ئۇچۇرى، كاپالەتلىك تۇرالغۇنى تەقسىملەش ۋە چېكىنىپ چىقىش ئۇچۇرىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش خامچوتى، ئىجرا قىلىنىش، نەتىجە جەريانى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى تەدرىجىي تۇرغۇزۇش؛ 4-ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مالىيە، پەن-تېخنىكا باشقۇرۇشى، تۈر خىراجىتى، داۋالاش ساھەسىدىكى داۋالاش مۇلازىمەت ھەققى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 5-مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلار مالىيەسى، يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارلاشقا تۈرتكە بولۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر