باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيا قايىل قىلارلىق يىپ ئۇچىنى بايقىغان بولسىمۇ، ۋاقتىنچە ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2014.04.03 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭخۇا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مالايسىيا مەملىكەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەبۇبەكرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە قىلارلىق يىپ ئۇچى بايقالدى، لېكىن ۋاقتىنچە ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

  مالايسىيا مەملىكەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەبۇ بەكرى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يولۇچىلارغا بولغان گۇماننى يوققا چىقارغانلىقىنى، لېكىن ئايروپىلان خادىملىرىغا بولغان تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە قايىل قىلارلىق يىپ ئۇچى بايقالدى، لېكىن يىپ ئۇچىنى ئاشكارىلىيالمايمىز.

  «ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى» تورىنىڭ 2-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە مالايسىيا ساقچى دائىرىلىرى مالايسىيانىڭ ئالاقىسىز قالغان MH370 ناملىق ئايروپىلانىنى جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكى تەقلىدىي ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى تېخى چىقماپتۇ.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، مالايسىيا ساقچى دائىرىلىرى MH370 ناملىق ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كېتىش سەۋەبىگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇلار تېخىمۇ MH370 تىپلىق ئايروپىلان ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرىدىكەن. ھازىرغىچە، MH370 تىپلىق ئايروپىلان ھەققىدە 170 پارچىدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش خاتىرىسى قالدۇرۇلۇپتۇ. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھازىر ئېلان قىلىنسا، كېيىنكى تەكشۈرۈشلەركە تەسىر يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  مالايسىيا ساقچى دائىرىلىرى يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: MH370 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تېپىپ چىقالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن. لېكىن ئايروپىلان باشلىقىنىڭ تەقلىدىي ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشتە ھازىرغىچە خۇلاسە چىقىرىلمىدى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەقلىدىي ئۈسكۈنە ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۈتۈۋاتىمىز. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر