باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىدا «ئالدىنقى قىسىم بىلەن كېيىنكى قىسىم»نى ئەتراپلىق ئىگىلىگىلى بولامدۇ

2013.11.04 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەقچىللىقنى ياقلاپ، ئەلرايىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە جايلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى سەھىپە ياراتقىلى بولىدۇ

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، پەقەت ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەرگىز تۈگەپ قالمايدۇ.» يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ 21-ئەسىر كېڭىشى بېيجىڭ يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە جۇڭگونىڭ «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ساداسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاڭلاتتى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى يىغىندا «جۇڭگونى چۈشىنىش»باش تېما قىلىندى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، ئىسلاھات ئەينىكى ئارقىلىق جۇڭگونى كۆزىتىش ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر.

  ئىسلاھات ئىشلىرى خۇددى بىر دەريادەك كېچە-كۈندۈز دولقۇنلاپ ئېقىپ، قىيىنچىلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. يېقىندا ئېچىلغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى قويۇۋېتىش شۇئارى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى، بىر نەچچە قېتىملىق «ئۆز ھوقۇقىغا چەك قويۇش»تىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى چوققا قاتلام لايىھەسىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشتا «مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتى ئالدىنقى قىسىم، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىسلاھاتى كېيىنكى قىسىمدۇر.» بۇ ئېنىق ھۆكۈمدىن شۇنداق بىر روشەن ئۇچۇرغا ئېرىشىمىزكى، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى ئاكتىپلىقنى قوزغاپ تەڭ ھەرىكەتكە كېلىش ئىسلاھاتنىڭ مۇساپىسى ۋە نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر