- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
12-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 1-يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى تەبرىكلەيمىز دېگەن ماقالىسى
2013.03.03 09:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
خەلق گېزىتىنىڭ 3-مارتتىكى سانىدا «ئىتتىپاقلىق-كۈچ، دېموكراتىيە بولغاندىلا، ھاياتىي كۈچ بولىدۇ-سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دېگەن باش ماقالە ئېلان قىلىندى.
باش ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىتتىپاقلىق-كۈچ. جۇڭگو جەمئىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان مەزگىلدە، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئېلىپ كەلگەن زىددىيەتكە قانچە يۈزلەنگەنسېرى، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈشىگە شۇنچە توغرا كېلىدۇ، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە قانچە يۈزلەنگەنسېرى، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە شۇنچە پائال يېتەكلىشىگە توغرا كېلىدۇ. دېموكراتىيە بولغاندىلا، ھاياتىي كۈچ بولىدۇ. ئوخشىمىغان پارتىيە-گۇرۇھلار، ئوخشىمىغان ساھەلەرنىڭ ئىدىيەسى كۆپ تەرەپلىك، مەنپەئەتى كۆپ خىل بولىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە سىغدۇرغان ۋە ئىنكاس قىلغاندىلا، ئاندىن ھەر ساھە خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش ئارزۇسىنى قاندۇرغىلى، ئەڭ كەڭ خەلق دېموكراتىيەسى ئارقىلىق، جۇشقۇن ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر