خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى تەشكىللىشىدە 2014–يىللىق نورۇز بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن، «مەرھابا نورۇز» ئاساسىي تېمىسىدىكى غۇلامجان قادىرى قۇتبېلىگ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 20 – مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە ياش شائىر، خەتتات غۇلامجان قادىرى قۇتبېلىگنىڭ ئۆز شېئىرلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىن يازغان 60 پارچە ھۆسن خېتى قويۇلدى.
سۈرەتتە: غۇلامجان قادىرى قۇتبېلىگ كۆرگەزمە كۆرۈرمەنلەرگە ھۆسن خەتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى