مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقىنى قوزغىتايلى
ـــ شى جىنپىڭنىڭ 28-ئاپرېلدىكى مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەمگەكچىلەرگە بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئەمگەكنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سۆز جەزمەن پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، غايەت زور ئىجادىي يوشۇرۇن كۈچ ھاسىل قىلىدۇ.
بەخت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئارزۇ ئۆزلۈكىدىن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، مۇۋەپپەقىيەت نەقەدەر شانلىق بولسۇن، ھەممىسى بىر-بىرلەپ، ئاز-ئازدىن قولغا كەلگەن. خەلقىمىز چوڭقۇر ھاڭ، تىك قىيالارغا ئېسىلىپ تۇرۇپ قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى چاپتى، بوغچىلارنى يۈدۈگىنىچە شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە جاپالىق ئىشلەپ «جۇڭگودا ئىشلەندى» دېگەن ماركىنى ياراتتى ... يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك كەمچىل دەۋردىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكىچە، نامرات، قالاق ھالەتتىن دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكىچە بولغان بۇ 60 نەچچە يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىش ۋە 30 نەچچە يىللىق ئۇچقاندەك تەرەققىيات ، شۇنىڭدەك جۇڭگو قەد كۆتەرگەن، گۈللەنگەن، قۇدرەت تاپقان بۇ جەريان سانسىزلىغان ئاددىي ئەمگەكچىلەرنىڭ جاپالىق بەرپا قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش جەريانىدۇر. نەچچە مىليونلىغان خەلقنىڭ جاپالىق قان-تەرى، ھەقىقىي ئەجىر-مېھنىتى بولىمسا، جۇڭگونىڭ دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۆجىزىلىرى بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە