- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سۇنى بىر قېتىمدا كۆپ ئىچىۋەتسە قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىدۇ
2013.06.08 15:34 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر بىر قېتىمدا ئىچكە سۇنىڭ مىقدارى 500 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتسە ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ ، قان بېسىمى ئالاھىدە يۇقىرىلار بۇ ئادەتنى چوقۇم ئۆزگەرتىشى كېرەك ، دەپ ئەسكەرتتى .
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئەگەر بىر قېتىمدىلا ئىچكەن سۇنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە ، كۆپ مىقداردىكى سۇ قانغا سۈمۈرۈلۈپ ، قاننىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ ، قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىكەن . يۈرەك ئىقتىدارى نورمالسىز بولغاندا يۈرىكى ئېغىش ، دېمى سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن .
قىش كۈنلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل بولغاچقا ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بارلار سۇنى بىر قېتىمدا تېز ھەم كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك . بولۇپمۇ ئەتىگەن سائەت 6:00 ۋە كەچ سائەت 6:00 دە قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشى يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان بولغاچقا ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىسىمۇ ، قان بېسىمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ . دېمەك ، سۇ ئىچىشتىن ئىبارەت كىچىك ئىشمۇ چوڭ ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
ئەلۋەتتە ، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق . بولۇپمۇ ، ياشانغانلار ئۇسسىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا بەدىنى سۇسىزلىنىش ھالىتىگە ئۆتۈپ بولغان بولىدۇ . بۇ خىل ھالەتمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . شۇڭا ، پات–پات سۇ ئىچىپ تۇرۇش زۆرۈر . قايناقسۇ ئىچىش بەدەنگە سۇ تولۇقلاشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى . قايناقسۇ ئىچكەندە بىر قېتىمدا ئاز–ئازدىن ئىچىش ، يەنى ھەر قېتىمدا ئىچكەن سۇنىڭ مىقدارى 200 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .‹‹شىنجاڭ پەن–تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە