باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟

2013.06.17 15:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى مېدىتسىنا ساھەسىدە كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ھازىر كىلىنىكىدا كەم بولسا بولمايدىغان دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا كۆپرەك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارساق بەدىنىمىزگە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟

  ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئېنېرگىيەلىك دولقۇن بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. بۇنداق تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى كىچىك ھەم ئاستا بولىدۇ. بىراق، ئادەم بەدىنىدىكى دوۋساق توقۇلمىسى، ھامىلە توقۇلمىسى دېگەندەك توقۇلمىلار ئىسسىققا چىدامسىزراق كېلىدۇ. ناۋادا بۇ توقۇلمىلار ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇزاقراق ئۇچرىسا زەخىملىنىشى مۇمكىن.

  ئادەتتە تېبابەتچىلىككە ئىشلىتىلىدىغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى2 ~ 10 مېگاگېرتس ئارىلىقىدا بولىدۇ. بۇ، ھەر سېكۇنتلۇق تەۋرىنىشى 2 ~ 10 مىليون قېتىم دېگەنلىكتۇر. بۇنداق يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى باغلىنىشىنى بوشىتىپ، توقۇلمىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ناۋادا تەۋرىنىشنىڭ ئامپلىتۇدىسى بەك چوڭ بولسا، ھۈجەيرە پەردىسى بەرداشلىق بېرەلمەي ھۈجەيرە يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

  ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى جانلىقلار تېنىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئېففېكتقا ئىگە بولۇپ، بۇ ‹‹كاۋاكلىشىش ئېففېكتى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىشى تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان سۇيۇقلۇقلاردا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مىكرو كۆپۈكچىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ كۆپۈكچىلەر ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قىسىشىغا ئۇچراپ، ئارىلىقلىرى كىچىكلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردا نەچچە مىڭ گىرادۇسلۇق يۇقىرى ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ، يۇقىرى ئېنېرگىيە قىسقا ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنى كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرىدۇ. بۇ يۇقىرى ھارارەت يەنە سۇنى ھىدروگېن ئەركىن رادىكالى ۋە ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىغا پارچىلايدۇ. بۇ ئەركىن رادىكاللار ھەممە يەردە قالايمىقان ‹‹ئۆسۈپ›› يۈرۈيدۇ.

  ئالىملار ھايۋانلار ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن: ھەر كىۋادرات سانتىمېتىردا 0.35 ۋات بولغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ھامىلىنى ئۆلتۈرۈپ بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن؛ 1 ~ 2 ۋات بولغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئۆي توشقىنى دوۋسىقىدىكى ئىسپېرما سانىنى ئازايتىۋېتىدىكەن؛ 60 ۋات بولغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى مېڭە، جىگەر توقۇلمىلىرىنى نىكروزلايدىكەن. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئۇنىڭ كۈچى مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە ئاندىن ئىپادىلىنىدىكەن. ئادەتتىكى ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى 0.1 ۋاتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئادەم بۇنداق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاستىدا ئون مىنۇت تۇرسىمۇ، توقۇلمىلىرىغا تەسىر يەتمەيدىكەن.

  ساتتار غوپۇر تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە