ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقنىڭ سابىق مىنىستىرى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭ 27- ماي چۈشتىن كېيىن قەشقەر شەھەرلىك پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت مەيدانى قەشقەر يىغىن مەركىزىدە قەشقەردىكى ھەر مىللەت كادىرلارغا ‹‹يەر شارىلىشىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى›› دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ بەردى. ۋىلايەت-شەھەرنىڭ تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە-شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇللىرى، بىڭتۇەن 3-دىۋىزىيەسى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، شۇنداقلا ۋىلايەت-شەھەردىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ، مىڭدىن ئارتۇق كىشى لېكسىيەنى ئاڭلىدى.