باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تۇرمۇش

يېمەكلىك خۇرۇچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى

بۇپاتەم زۇنۇن

2013.06.14 17:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەرياندا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ۋە ساقلاش مۇددىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پىششىقلاپ ئىشلەنمەكچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە يېمەكلىك خۇرۇچلىرى يېمەكلىك سانائىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە:

  1.يېمەكلىكلەرنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى، ھالىتى قاتارلىقلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەم ياخشىلاش يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى، پۇرىقى، ھالىتى قاتارلىقلار ئادەتتە يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم كۆرسەتمىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ئادەتتە يانجىش، پارچىلاش، قىزدۇرۇش، بېسىم بېرىش قاتارلىق فىزىكىلىق جەريانلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا، يېمەكلىكلەردە ئاسان رەڭ ئۆزگىرىش،رەڭسىزلىنىش، پۇرىقى يوقاش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، ئەگەر پىششىقلاش جەريانىدا مۇۋاپىق مىقداردا يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قېتىلسا، مەھسۇلاتلارنىڭ يۇمشاق، قاتتىق، چۈرۈك، ئەۋرىشىملىك قاتارلىق مەسىلىلىرى بىر يولىلا ھەل قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ يېمەكلىككە بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

  2.يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاش، يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە

  يېمەكلىكلەرنى چىرىشتىن ساقلىغۇچى ۋە ئوكسىدلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى خۇرۇچلار ئادەتتە يېمەكلىكلەرنىڭ ئوكسىدلىنىش سەۋەبىدىن سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاش رولىغا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەكلىكلەرگە مۇۋاپىق مىقداردا ئوزۇقلۇق پىگمېنتنى قېتىش ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئادەتتە ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

  3.يېمەكلىكنى ساقلاش ۋە توشۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ

  ھەر خىل تۈردىكى يېڭى يېمەكلىك ۋە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرگە ئەگەر چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى خۇرۇچلار قېتىلمىسا، زاۋۇتتىن چىققاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئادەتتە يېمەكلىكلەرگە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇرۇچلىرى قېتىلىدۇ.

  4.يېمەكلىكلەرنىڭ رەڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىش رولىغا ئىگەتاللا بازارلىرىغا كىرسەك يېمەكلىك پۇكەيلىرىدە ھەر رەڭدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆرىمىز. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە ئۇن، ماي، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە كەم بولسا بولمايدىغان بىر ماتېرىيال بار، ئۇ بولسىمۇ يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن ئىبارەت. گەرچە ئۇلارنىڭ يېمەكلىك تەركىبىدىكى مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئوينايدىغان رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان خۇرۇچلاردىن ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.

  5. يېمەكلىك پىششىقلاشتا قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇيېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش جەريانى ئادەتتە سىلىقلاش، كۆپۈكچە يوقىتىش، سۈزۈش، تۇراقلاشتۇرۇش، قېتىشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلارغا ئېھتىياجلىق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  6. ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ

  قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئورگانىزمىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تەركىبىدە مۇئەييەن مىقداردا تاتلىق تەملىك يېمەكلىك خۇرۇچلىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ بوۋاقلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەرخىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى مول بولغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

  7. ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇيېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ قېتىلىشى يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلگەن ماددىلارنى تۇراقلاشتۇرۇش، قېتىشتۇرۇش رولىغا ئىگە. ھەرخىل خۇرۇچلار ئەسلىدىكى خام ماتېرىيالنىڭ خورىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ، شۇنداقلا مەھسۇلات ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، جەمئىيەتكە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر