باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

دۆت ئېشەك

2013.06.13 14:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىشىلەر ئەزەلدىن ئېشەكنى دۆت دېيىشكە ئادەتلىنىپ كەلگەن ئىكەن. قاراڭلار ئاۋۇ دۆت ئېشەككە، ئىككى قۇلىقى سالپايغان... دەپ ئېشەك توغرىسىدا پاراڭلىشىدىكەن.

  «ئاھ خۇدا، مېنى كىشىلەر ئەمدى بۇنداق دېمىسۇن! — دەپ ئويلاپتۇ ئېشەك، — مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئوبرازىنى ئۆزگەرتسەم بولاتتى. ئاڭلىسام كىيىنىش ئوبراز تىكلەشتىكى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ تېز ئۇسۇلكەن».

  شۇنىڭ بىلەن ئېشەك ئۆزىگە يارىشىملىق بىر قۇر كىيىم تىككۈزمەكچى بوپتۇ ۋە ئەڭ ياخشى تىككۈچىنى تېپىپ ساپسېرىق كىمخاپ تون تىككۈزۈپتۇ، بۇ كىيىم قارىماققا خۇددى زەر يىپتا تىككەندەك ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن، ئېشەك پارقىراپ تۇرغان توننى كىيىپ، بازارغا بېرىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئۇياق-بۇياققا يورغىلاپتۇ. «ئىشىنىمەنكى، كىشىلەر ماڭا تامامەن باشقىچە قاراشتا بولىدۇ» دەپ ئويلاپتۇ ئېشەك ماڭغاچ.

  — قاراڭلار، دۆت ئېشەك كەلدى، دۆت ئېشەك كەلدى!

  — بۇ كىيىم ھەقىقەتەن چاكىنا ئىكەن!

  — نېمە دېگەن قاملاشمىغان كىيىم بۇ، بۇ دۆت ئېشەك بىزگە شۇملۇق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

  كىشىلەر ئۇنى-بۇنى دەپ باھا بېرىپتۇ، ئېشەك باش كۆزى توپا-چاڭغا مىلەنگەن ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ:

  — قارىغاندا، مەن ھەقىقەتەن دۆت ئوخشايمەن، — دەپتۇ.

  شۇنداق، پەردازلاش بىلەن ماھىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

  پۇل خەجلەپ ئىناۋەت سېتىۋېلىشتىن بارلىققا كەلگەن ئوبراز سىزنى ھەمىشە «ئالامەت» لا قىلماستىن، بەلكى ئابرويىڭىزنى يەر بىلەن يەكسانمۇ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر