باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ نېمە قىلىسىز؟

2013.06.13 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پىروفېسسورى لى يىنىڭ ھەر قېتىم يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا تۇنجى دەرسنى ئۆتكەندە: «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا نېمىشقا كەلدىڭىز؟» دەپ سورايدۇ. ئوقۇغۇچىلار: «بىلىم ئۆگەنگىلى كەلدىم»، دېسە ئۇ «خاتا» دەيدۇ؛ «تەدبىر ئۆگەنگىلى كەلدىم» دېسە، ئۇنىمۇ «خاتا» دەيدۇ. ھېچكىم توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇ دەيدۇكى: «نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتكىلى كەلدىڭىز».

  مائارىپ ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا مەدەنىيەت ئۇقۇمىنى يەتكۈزىدۇ. ئۇلارغا دۇنيانىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى، ئاسماننىڭ قانچىلىك ئېگىزلىكىنى، يەرنىڭ قانچىلىك قېلىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارغا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىنسانلار بېسىپ ئۆتكەن يولنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. دۇنيانى تونۇش بۈگۈنكى دەۋردىكى بىرىنچى نىشان بولغاندىلا، ئاندىن بىلىم ۋە تەدبىر ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

  بىر دوستۇم دائىم: «گوگۇل دەۋرىدە بىلىم ئىگىلەش ئانچە مۇھىم بولماي قالدى، چۈنكى زۆرۈرىيىتى قالمىدى، سىز گوگۇلغا ئاچقۇچلۇق سۆزنى كىرگۈزسىڭىزلا، نۇرغۇن نەرسىلەر چىقىدۇ، خاتىرىلەپ نېمە قىلىسىز؟ ئۇ تەييار بىلىمغۇ، ئەڭ مۇھىمى سىزدە چوقۇم ‹ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى› بولۇشى كېرەك» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. مېنىڭچە، «ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى» دېگەن بۇ سۆز جايىدا ئېيتىلغان، مۇھىمى بىلىم ئەمەس، سىز پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىڭىزدىن پايدىلىنىپ، بۇ بىلىملەرگە ھۆكۈم چىقىرىسىز، چۈنكى، توردىكى نەرسىلەرنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن، نۇرغۇن خاتالىقلار بار، سىز ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىغان ۋاقتىڭىزدىلا ھەقىقىي قابىلىيەت يېتىلدۈرگەن بولىسىز.

  شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە بىزدە كەم بولۇۋاتقىنى بىلىم ئەمەس، چۈنكى بىلىم ئېلىشنىڭ يوللىرى ناھايىتى كەڭ. بۇرۇن بىز بىر ئادەم مەكتەپتە ئوقۇمىسا كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ، دەيتتۇق. لېكىن ھازىرغا كەلگەندە بىلىمگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرى ناھايىتى موللىشىپ كەتتى. بىلىمگە «ئېرىشىش» ئاسانلاشتى. لېكىن تەس يېرى شۇكى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ بىلىملەرگە قانداق قارىشىڭىز، قانداق ھۆكۈم قىلىشىڭىز، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل قارىشىڭىزنى يېتىلدۈرۈشىڭىزدىن ئىبارەت. (ئايجامال مۇھەممەد تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر