خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاپرېل، «يېشىل ساغلام كۆتات، سېھرىي كۈچكۈ تولغان ئوت يۇرتى»نى ئاساسىي تېما قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك تۇرپان كۆكتات بايرىمى تۇرپان شەھىرىدە باشلاندى، پائالىيەت شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن نەچچە مىڭ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى شۇنداقلا كۆكتات سودىگەرلىرى ھەمكارلىق كېلىشمى تۈزۈشتى.