باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچىدە 12 ياشلىق قىزچاق كوچىدا ساز چېلىپ، كورىيەگە چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن پۇل تاپماقچى بولغان، كوتونى ياخشى چالىدىغانلىقى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغانىكەن

2013.07.23 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە: 21-ئىيۇل، سائەت 21، تاڭ شۇچىنىڭ قولى كوتۇ ئۈستىدە ئەپچىللىك بىلەن مىدىرلىماقتا، يېقىملىق مۇزىكا كىشىلەرنى قەدەملىرىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلماقتا، بەزىلەر قۇتىغا پۇلمۇ تاشلاپ قويىۋاتىدۇ. لى رۈي فوتوسى
  خەلق تورىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:21-ئىيۇل كەچ، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى پىيادىلەر كوچىسى، بىر قىزچاق بېرىلىپ كوتۇ چېلىۋاتاتتى، ئالدىدىكى يەرگە ئۇ ئالغان مۇكاپاتلاردىن باشقا يەنە ئازراق پارچە پۇللار سېلىنغان قۇتا قويۇلغانىدى. ھەر بىر مۇزىكا تۈگىگەندە، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى، بەزىلەر ئېڭىشىپ، قۇتىنىڭ ئىچىگە پۇل تاشلاپ قويۇشاتتى.

  بۇ كىچىك قىزنىڭ ئىسمى تاڭ شۇچى بولۇپ، بۇ يىل 12 ياشكەن، كورىيەگە بېرىپ كوتۇ چېلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئويىدا، ئاپىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ كوچىدا مۇزىكا چېلىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا خىراجەت غەملەۋاتقانىكەن.

  ئۇنىڭ بېلىكى ئۇدا مۇزىكا چېلىۋەرگەنلىكتىن كۆتۈرسىلا ئاغرىيدىغان بولۇپ قاپتۇ. «ماڭا ئازراقمۇ جاپا بىلىنمىدى، دائىم ئاپامنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشالىساملا، ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلىمەن» دېدى تاڭ شۇچى.

  مۇخبىر: فەن چۇڭيەن

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار