باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ساياھەت

دېھلىدىكى قىزىل قەلئە

2016.06.22 15:38   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

دېھلىدىكى قىزىل قەلئە

  قىزىل قەلئە − ھىندىستاندىكى دېھلى كونا شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە، يامۇنا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە موغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ بەشىنچى خاقانى شاھ جاھان ئامراق خانىشى تاج ماھالنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سالدۇرغان ئىكەن.

  قىزىل قەلئە قىزغۇچ قۇمتاشتىن ياسالغان كۆركەم قۇرۇلۇش توپى بولۇپ، جەنۇب - شىمال تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 915مېتىر، شەرق - غەرب كەڭلىكى 548مېتىر، ئېگىزلىكى 34مېتىر كېلىدۇ. قەلئە ئىچىدە ئاق مەرمەر تاشتا قاپارتما نەقىش ئىشلەنگەن كىچىك مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ مۇنار ئالتۇن، ئالماس ۋە گۆھەر قاتارلىق جاۋاھىراتلار بىلەن بېزەلگەن.

  كىشىلەر «ئوردىنىڭ نۇرى» دەپ ئاتايدىغان تاج ماھال 1631 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، شاھ جاھان ئۇنى خاتىرىلەش ۋە ئەسلەش ئۈچۈن تاج ماھال مەقبەرىسىنى سالدۇرغان. بۇ مەقبەرە 1983 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  1638 - يىلى شاھ جاھان پايتەختنى ئەگرەدىن دېھلىغا كۆچۈرۈپ، بۇ يەردە ئۆزىنىڭ يېڭى «جەننەت» ىنى بەرپا قىلغان. بۇ يېڭى شەھەر پادىشاھنىڭ نامى بىلەن جاھانئاباد دەپ ئاتالغان، ھازىر كىشىلەر بۇ يەرنى كونا دېھلى دەپ ئاتايدۇ. قىزىل قەلئەنىڭ قۇرۇلۇشى 1638 - يىلى باشلىنىپ 1648 - يىلى تاماملانغان. قەلئە قىزىل قۇمتاش ۋە قىزىل مەرمەر تاشلاردىن ياسالغان بولۇپ، پارس، ھىندى ۋە تېمۇرلارنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنىمۇ ساقلاپ قالغان. ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىن باشقا يەنە بۇ قۇرۇلۇشتا نەپىس ۋە مۇرەككەپ سىممېترىك قۇرۇلما تۈزۈلۈشى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن بولۇپ، بۇنداق ئالاھىدە ئۇسلۇب يەنە شاھ جاھانچە ئۇسلۇب دەپ ئاتالغان.

  شاھ جاھان ئادەتتە كۈندىلىك دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن خاس مەھرەمخانىسىغا كىرىپ ئارام ئالىدۇ، بۇ خاس مەھرەمخانا ھۇجرا ئۆي، ئىبادەتخانا ۋە ۋەزىرلەرنى قوبۇل قىلىدىغان چوڭ زالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاس مەھرەمخانا خان ئوردىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاق مەرمەر تاشلاردىن ياسالغان، يامۇنا دەرياسىغا قاراپ تۇرىدۇ، خاس مەھرەمخانا بىلەن يامۇنا دەرياسى بىر ئېقىن − «جەننەتنىڭ ئېقىنى» ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

  شاھ جاھاننىڭ كۆپ ھامماملىرى بار بولۇپ، ھاممام ئىچىگە ئىسسىق ھەم سوغۇق سۇ تۇرۇبىلىرى ئورنىتىلغان، تورۇسلىرى گۈللۈك نەقىشلەر ۋە رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، كىشىگە ئۆزىنى گۈلزارلىقتىكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شاھ جاھاننىڭ خانىشلىرى رەڭ مەھەل دېگەن ئوردىدا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئوردىنىڭ تورۇسلىرىمۇ ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن ھەر خىل رەسىم بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئاق مەرمەر تاشتا ياسالغان، ئوردىنىڭ سىيماسى كۆلچەكتە ۋە نېلۇپەر كۆلىگە چۈشكەن شولىدا ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.

  ھازىر بۇ جەننەت كەبى گۈللۈكنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا ساقلىنىپ قالغان. ياسالغاندىن باشلاپ، قەلئە نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، بولۇپمۇ ئەنگلىيەلىكلەر پۈتۈن قەلئەنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. 1857 - يىلى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، قىزىل قەلئە ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى قىلىنغان، بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم قۇرۇلۇش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، مۇستەملىكە تۈسىدىكى ھەربىي قورغانغا ئايلاندۇرۇلغان.

  1947 - يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستان ئارمىيەسى قىزىل قەلئەنى ئۆتكۈزۈۋالغان، 1947 - يىلى 15 - ئاۋغۇست قىزىل قەلئەدە تۇنجى قېتىملىق مۇستەقىللىقنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلدىكى ھىندىستان مۇستەقىللىق كۈنىدە ھىندىستان زۇڭلىسى بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2016-يىلى شىنجاڭدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %70 كە يەتتى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 24–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرىدە 7461 كىشى ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىشتا نومۇر قوشۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·ئارزۇنى قانداق تولدۇرۇشنى بىلەمسىز؟
    ·شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى
    ·شىنجاڭدىكى 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى