خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كرېمىل سارىيى سەيشەنبە كۈنى مۇنداق دېگەن: رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئارىسىدا يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار پەيدا بولغانلىقتىن، ئۆزىنى ئايرىپ كۆزىتىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇ بۇ ھەپتە تاجىكىستاندىكى رايون خەۋپسىزلىكى يىغىنىغا قاتناشمايدۇ.
كرېمىل سارىيىدىكى ئالاقىدار شەخسنىڭ ئېيتىشىچە، پۇتىن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىمامئەلى راھمانغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۆزىنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك سەپەرگە چىقالمايدىغانلىقىنى، سىن ئارقىلىق يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
كرېمىل سارىيىنىڭ بۇ تېلېفون توغرىسىدىكى باياناتىدا «پۇتىن: ئەتراپىمدىكى ھەمراھلىرىمنىڭ ئىچىدە يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى كۆرۈلگەچكە، چوقۇم بىر مەزگىل ئۆز-ئۆزۈمنى ئايرىپ كۆزىتىپ، تۈزۈمگە رېئايە قىلىشىم كېرەك» دەپ يېزىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە، پۇتىن بىر قاتار ساغلاملىق-ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، «سۈنئىي ھەمراھ V»يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىدىن ئىككىنى ئەملىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ