مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورىنىڭ سىۋاھىلى تىلى نۇسخىسى، ئىتالىيە تىلى نۇسخىسى، قازاق تىلى (كىرىل يېزىقى) نۇسخىسى تورغا چىقىرىلدى

2021.09.03 23:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىرتقا تارقىتىشنىڭ رايون، كىشىلەر توپى، مەزمۇنلارنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ئۈچۈن، خەلق تورىنىڭ سىۋاھىلى تىلى نۇسخىسى، ئىتالىيە تىلى نۇسخىسى، قازاق تىلى (كىرىل) يېزىقى نۇسخىسى 1-سېنتەبىر رەسمىي تورغا چىقىرىلدى.

  ئۈچ يېزىق نۇسخىسىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلىشى ئالاقىدار رايونلاردىكى تاماشىبىنلارنى جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ قاتارلىق ساھەلىرىدىن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇمۇ خەلق تورىنىڭ كۆپ تىللىق، كۆپ تېرمىناللىق، پۈتۈن تاراتقۇلۇق، يەر شارىلاشقان، تولۇق قاپلىغان خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بەرپا قىلىشىغا يەنىمۇ ئاساس سالدى.

  يېڭى ئۈچ خىل چەت ئەل تىلى نۇسخىسىنىڭ تورغا چىقىرىلىشى خەلق تورىنىڭ خەلقئارا تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىرى. خەلق تورى «ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان توپتىكى تاماشىبىنلارغا يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت توغرا تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جۇڭگو ھېكايىسى ۋە جۇڭگو ساداسىنىڭ يەر شارىلاشقان ئىپادىلىنىشى، رايونلاشقان ئىپادىلىنىشى، ئاممىۋىلاشقان ئىپادىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تەك خەلقئارا تارقىتىش خىزمىتى تەلىپىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى نامايان قىلىدۇ.

  بۇ قېتىم ئۈچ يېزىق نۇسخىسى تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، خەلق تورىدا ئىنگلىزچە، ياپونچە، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە، رۇسچە، ئەرەبچە، كورېيەچە، گېرمانچە، پورتۇگالچە، سىۋاھىلىچە، ئىتالىيەچە، قازاقىستانچە (كىرىل) قاتارلىق 12 چەت ئەلچە نۇسخىسى بار بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ