مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ زەمبۇرۇغ ئوتى ئارقىلىق چەتئەلگە ياردەم بېرىشنىڭ 20 يىللىقى ھەم ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.09.03 12:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى زەمبۇرۇغ ئوتى ئارقىلىق چەتئەلگە ياردەم بېرىشنىڭ 20 يىللىقى ھەم ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسى-«ئوت-چۆپنى ياغاچنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش»تىن تەرەققىي قىلغان جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس تېخنىكىسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق نۇر، ئىسسىقلىق، سۇدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقىدىن ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، زەمبۇرۇغدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ماددا دەۋرىي ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۈنۈم بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېكولوگىيە، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە پايدا يەتكۈزدى. مەن ئۇزاقتىن بۇيان زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسى خەلقئارا ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، 2001-يىلى جۇڭگونىڭ چەتئەلگە ياردەم بەرگەن تۇنجى زەمبۇرۇغ تېخنىكىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدە قۇرۇلدى، ھازىرغىچە بۇ تېخنىكا دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەتكە كېڭەيتىلدى، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھاسىلىي بايلىقتىن پايدىلىنىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تەرەققىيات نىشانلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە داۋاملىق جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان «بەخت ئوتى»غا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ!

  زەمبۇرۇغ ئوتى ئارقىلىق چەتئەلگە ياردەم بېرىشنىڭ 20 يىللىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا تور ۋە تور سىرتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەتلىك خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى بىلەن فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ