مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئېكۋادور زۇڭتۇڭى لاسسو بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.09.01 09:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئېكۋادور زۇڭتۇڭى لاسسو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو - ئېكۋادور ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى قوللاپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى، قويۇق دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋادور تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى گىرەلەشكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللاپ، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو - ئېكۋادور ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى كۈنسېرى يېڭىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگو - ئېكۋادور مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئېكۋادور تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئېكۋادور تەرەپ بىلەن شەكلى ھەرخىل بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - ئېكۋادور مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكۋادور جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، بۇ، ئېكۋادور قاتارلىق دۆلەتلەرگە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋادور تەرەپتىن قىلىنىدىغان ئىمپورت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام، رەقەملىك، يېشىل يىپەك يولى قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋادور تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لاسسو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئېكۋادور ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن ۋاكسىنا ئېكۋادور تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئىنتايىن مۇھىم مەدەت بىلەن تەمىنلىدى، ئېكۋادور خەلقى بۇنىڭغا چىن قەلبىدىن مىننەتدار، بۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئېكۋادور تەرەپ يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش، نامىنى بۇلغاشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئېكۋادور تەرەپ جۇڭگونى ئەڭ مۇھىم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ دەپ قارايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ئېكۋادورغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشى، ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ