مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

2021.09.02 09:15 مەنبە: خەلق تورى

  «19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ھەر تەرەپلىمە دوكلاتى»غا قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ■تارىخنى ئەينەك قىلغاندا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن خارابلىشىشىنىڭ ئالمىشىش سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان تارىخىي شارائىتتا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى; سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تەكشى قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى; پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قاراش ۋە توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن ئۆتمۈشتە بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك

  ■شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن ئاڭلىق ھالدا مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى، مەكتەپ ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 11-ئايدا بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 -نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىدۇ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبە مەسىلىلىرى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىنىدۇ ۋە ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىدۇ. يىغىندا «19 -نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ھەر تەرەپلىمە دوكلاتى»غا قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1921-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ، كوممۇنىزم غايىسى ۋە سوتسىيالىزم ئېتىقادىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ باي-قۇدرەتلىك بولۇشى، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، ئېگىلمەي - سۇنماي تىرىشىش ئارقىلىق، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ داستان يېزىپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تارىخنى ئەينەك قىلغاندا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن خارابلىشىشىنىڭ ئالمىشىش سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان تارىخىي شارائىتتا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى؛ سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تەكشى قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى؛ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قاراش ۋە توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن ئۆتمۈشتە بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 1000 يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى. ئۆتكەن 100 يىلدا، پارتىيە خەلققە، تارىخقا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، پارتىيە جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىغا قەدەم قويدى. دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى، بىز چوقۇم ئىمتىھاندا داۋاملىق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، مائارىپ ساھەسىنىڭ قىياپىتىدە روشەن ئۆزگىرىش ھاسىل بولدى. كۆزىتىشتىن قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان 31 ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭى ئۆسكەن، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا يېڭى تۆھپە قوشقان، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر بايقالغان، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، مەكتەپنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، بەنزە قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان. كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى كەسكىن قايتما ئىنكاس قىلىپ، تۈزىتىش سۇبيېكتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزىتىشنى دائىملىق نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)نىڭ تۈزىتىشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. تۈزىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىش ئارقىلىق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى، مەكتەپ ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، شۇجىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چەك قويۇشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈپ، پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ