خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى روگېنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ تېلېگراممىدا مۇنداق دېدى: روگې ئەپەندى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ياشلار تەنتەربىيەسىنى تەشەببۇس قىلىشقا پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ۋە تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشكەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: روگې ئەپەندى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ياخشى دوستى، ھايات ۋاقتىدا ئۇزاق مۇددەت جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان، بېيجىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ