شى جىنپىڭ خېبېي چېڭدېدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

2021.08.27 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  8- ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭ، ئۆلكە باشلىقى شۈ چىننىڭ ھەمراھلىقىدا، دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، يېزا، مەھەللە قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. 8 - ئايدىكى سەيخەنبادا چەكسىز ئورمانلىق تۇتاش كەتكەن بولۇپ يېشىللىققا تولغانىدى. ئورمانچىلىق مەيدانى دەسلەپتە 1962 - يىلى قۇرۇلغان. 60 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرغۇچىلىرى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، «قۇم - بوران قۇياش نۇرىنى توسۇۋالىدىغان، قۇشلار قونىدىغان دەرەخمۇ بولمىغان» چۆل - جەزىرىدە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، قاقاسلىقنى ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشتەك جاھان مۆجىزىسىنى ياراتتى. شى جىنپىڭ دېڭىز يۈزىدىن 1900 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يۆلياڭشەن تېغىغا كېلىپ، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ تەبىئىي قىياپىتىگە يىراقتىن نەزەر سالدى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئادەم كۈچى مۇداپىئەسى، تېخنىكىلىق مۇداپىئە، ماددىي كۈچ مۇداپىئەسى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر گەۋدىلەشكەن بايلىق باشقۇرۇش - قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئورمان بايلىقى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي ئورمان كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ ئىنتايىن ئۇلۇغ نەتىجە. سەيخەنبا مىليون مو سۈنئىي ئورمان دېڭىزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تارىخىدا ئۈلگە ياراتتى، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت قوغداش بويىچە ئەڭ ئالىي شان - شەرىپى − يەر شارى مۇھاپىزەتچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانى شەرەپ بىلەن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى دېگەن نامغا ئېرىشتى. سىلەرنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دادىل ئىزدىنىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن ئېكولوگىيە توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. يۆلياڭشەن تېغىدا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشنى كۆزىتىش ۋە بايلىق باشقۇرۇش - قوغداش بىر گەۋدىلەشكەن كۆزىتىش مۇنارى قۇرۇلغان. شى جىنپىڭ كۆزىتىش مۇنارىدا 13 يىل تۇرۇپ ئۇنى قوغدىغان ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ليۇ جۈن، ۋاڭ جۈەن ئەر - خوتۇننى سەمىمىي يوقلىدى ھەم كۆزىتىش مۇنارىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ۋە يېمەك - ئىچمەك، يېتىپ - قوپۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئۈن - تىنسىز چىڭ ساقلاپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، سەيخەنبانىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىقىنى تەرىپلىدى.

  شاڭخەي خاتىرە ئورمانلىقى سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەسلىدىكى ماتىكېڭ ئورمان بىنا قىلىش بىرلەشمە جەڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مىليون مو ئورمان دېڭىزىنىڭ باشلانغان جايى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ياغاچ ئاسما يولدا پىيادە مېڭىپ دەل - دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ساياھەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەرلىك بىرىنچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئۇدا كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىم نەتىجىسىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى پەرۋىش قىلىش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئورمانچىلىق پەن تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خاتىرە ئورمانلىقىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئۈچ ئەۋلاد ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىپ، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنى قۇرۇش تارىخى تىللاردا داستان بولغۇدەك بىر جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش تارىخى. سىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش ، يېشىل تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت سەيخەنبا روھىنى ۋۇجۇدقا چىقاردىڭلار، بۇ، مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا، ھەم ماددىي جەھەتكە تايىنىش، ھەم مەنىۋى جەھەتكە تايىنىش كېرەك. سەيخەنبا روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىككىنچى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.

  8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چېڭدېدىكى يازلىق ئارامگاھتا تەكشۈرۈشتە بولدى. چېڭدېدىكى يازلىق ئارامگاھ دەسلەپتە 1703 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇ 1 - تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى بولۇپ، دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. شى جىنپىڭ ئارامگاھتىكى ئاساسلىق ئىمارەت ۋە ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئارامگاھنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مىراسلار چوڭ دۆلىتى. چېڭدېدىكى يازلىق ئارامگاھنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى، دىننى جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ۋە دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە. جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى قېزىپ، ئۇنى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ياخشى چىڭىتىش، مىللەت روھىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق قىلىش كېرەك. ساياھەتچىلەر باش شۇجىدىن بەس - بەستە ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  يازلىق ئارامگاھتىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ پۇنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. پۇنىڭ بۇتخانىسى دەسلەپتە 1755 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تىپىك بولغان خەنزۇچە - زاڭزۇچە بىرىكمە ئۇسلۇبتىكى بۇتخانىغا تەۋە. شى جىنپىڭ ئالاقىدار تارىخىي تاش ئويمىلار ھەمدە تيەنۋاڭ سارىيى، داشيۇڭباۋ سارىيى قاتارلىق ئىمارەتلەرنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، دىن خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى بولغان دىن مۇھىتى بەرپا قىلىپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇپ، دىننىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چېڭدې مۇزېيىغا كېلىپ، «سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتىغا نەزەر − چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ئەمەلىي خاتىرىلەر» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى شەكىللەندى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا بۈيۈك زېمىنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللەتلەر رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقتۇق. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، تارىخنى تەتقىق قىلىش، تارىخنى ئۆگىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تارىخ تەتقىقاتى بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى يەكۈنلەش، تارىخىي قانۇنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىپ بېرىش، تارىخىي يۈزلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ لۇەنخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان شۇاڭلۇەن رايونىنىڭ پيەنچياۋزى بازىرى داگۇيكوۋ كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ شۇ جاينىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كەنتتىكى شەنگۇ بازىرى، داۋالاش ئۆيىگە كىرىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى سېتىلىش يولى، سۈپەتلىك ماركا يارىتىش ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش - سەھىيە شارائىتىنى ياخشىلاش، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى خاس بايلىققا قويۇپ، بازار ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارغا، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىي، ساغلام بولغان، يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى خو جىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇلارنى يوقلىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇشۇ يىللاردا تۇرمۇشتا غەم - ئەندىشىسىز ئۆتۈۋاتقانلىقى، چوڭ بىر جەمەتنىڭ خۇشال - خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۈگۈنكى ياخشى كۈنلەردىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر - بازارلىشىشى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنە نەچچە يۈز مىليون كىشى يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، ھەم ئاۋات شەھەرلەرنى قۇرۇشىمىز، ھەم گۈللەنگەن يېزىلارنى قۇرۇشىمىز، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت - يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بۇنى پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئىشلارنى بىرىنى بىرىگە ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» دەپ قىزغىن تەنتەنە قىلدى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈشىگە، بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  كەچقۇرۇن، شى جىنپىڭ چېڭدې شەھىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بىڭخې مەھەللىسىدىكى ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى مەركىزىگە كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەھەللە ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش، كارخانا تىجارەت قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش شەكلى ئارقىلىق مەھەللىنى ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى، داۋالىنىشى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى. شى جىنپىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى، ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇلازىمەت دائىرىسى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش شەكلى قاتارلىق ئىشلارنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياشانغانلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئىشلىرى بىلەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھەللىلەرنىڭ ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە، مەھەللە، ئاپپاراتلار ماسلاشقان، داۋالىنىش - كۈتۈنۈش، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ياشانغاندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ داۋاملىق نۇر - ھارارەت تارقىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، يېشى كىچىكرەك ياشانغانلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پىدائىيلارنىڭ مەھەللە ئىدارە قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەھەللىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماسلىق كېرەك.

  مەھەللە مەيدانىدا شى جىنپىڭ مەھەللىدىكى ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەت، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىناق بىللە ياشاۋاتىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا بوشاشماي ماڭساقلا، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ