مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كۇبا دۆلىتىنىڭ رەئىسى دىئاز كانېل بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.09.01 09:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، كۇبا دۆلىتىنىڭ رەئىسى دىئاز كانېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  دىئاز كانېل يولداش رائۇل كاسترونىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم يېقىنقى مەزگىلدىكى كۇبانىڭ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەرلەندۈردى. شى جىنپىڭ دىئاز كانېلغا يولداش رائۇلغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۇبادىكى يولداشلار زومىگەرلىكتىن قورقماي، تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىپ، ئىنقىلاب نەتىجىلىرىنى كۈچلۈك قوغدىدى. تارىختىن قارىغاندا، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ باقمىدى. كوممۇنىستلار باشتىن - ئاخىر كۈرەش ئىچىدىن ھاياتلىق يولى تاپتى، تەرەققىي قىلدى، غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە يەككە تەرەپلىمە جازا قوللىنىشقا قارشى تۇرۇش، تاشقى كۈچلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش كېرەك، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا كۇبانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، گۈللەنگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل سوتسىيالىزم قۇرۇشىنى قوللايدۇ، كۇبانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، زومىگەرلىك بىلەن ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇشتەك ھەققانىي كۈرىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق كۇبا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۇبانىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى ۋە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - كۇبا ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسى ئۆزگەرمەيدۇ، كۇبا تەرەپ بىلەن سوتسىيالىزم يولىدىكى سەپەرداش، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان ياخشى ئۈلگە، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتىكى ياخشى سەپداشلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق خەلقئارادا كۇبا ئۈچۈن ئادىل سۆزلەيدۇ، ئادىل ئىش قىلىدۇ.

  دىئاز كانېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۇباغا قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە، جۈملىدىن كۇبا تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، كۇبا - جۇڭگونىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. كۇبا سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ماڭىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە كۇبا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. كۇبا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زومىگەرلىككە، مۇشتۇمزورلۇق سىياسىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، نامىنى بۇلغاشقا قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ. كۇبا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. كۇبا تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئويناشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ