مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئەشيا زاپىسى تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر، ياخشى قىلىش لازىم

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2021.08.31 20:50 مەنبە: خەلق تورى

  ■ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش — سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. دۆلەت زاپىسى — دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى، تۈزۈلمە-مېخانىزم قاتلىمىدىن ئىستراتېگىيەلىك ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيا زاپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، زور خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، ئىلمىي تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشنى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. ئىستاتىستىكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، تەڭكەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، چەكلىمىلىكى كۈچلۈك ئىستاتىستىكىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «تۈزۈلمە، مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيا زاپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر، ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئىستاتىستىكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش — سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. دۆلەت زاپىسى — دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى، تۈزۈلمە-مېخانىزم قاتلىمىدىن ئىستراتېگىيەلىك ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيا زاپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، زور خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، ئىلمىي تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشنى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. ئىستاتىستىكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، تەڭكەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، چەكلىمىلىكى كۈچلۈك ئىستاتىستىكىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، ئادىل رىقابەتلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. بىز بەزى سۇپا كارخانىلىرىدا مەدەنىيەتسىز ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرتىپسىز كېڭىيىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار سۇپا كارخانىلىرىنىڭ مونوپول قىلىۋېلىش ۋە ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇنىڭ بىلەن بازارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش تەرتىپى مۇقىم ياخشىلاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپ، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى بېكىتىپ، «قىزىل، يېشىل چىراغ»نى ياخشى تەسىس قىلىپ، كارخانىلارنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملىقىغا بويسۇنۇشقا ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازار ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش، خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ۋە مەدەت بېرىش؛ بازار ئىجازىتى تۈزۈمى، ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى، رەقەملىك ئىقتىسادتا ئادىل رىقابەتلىشىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، رىقابەتلىشىش تۈزۈمىنى يوققا چىقىرىش، چەكلىمە قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش قاتارلىقلارنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، تەڭكەش تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، سىياسەتنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە كۆزلىمىسىنى كۈچەيتىش؛ رىقابەتلىشىشكە دائىر قانۇن-تۈزۈم ۋە سىياسەت تەشۋىقاتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئادىل رىقابەتلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، قوغدايدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش؛ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىشتىن بۇرۇن، ئىشنىڭ جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن تولۇق زەنجىرلىك، پۈتۈن ساھەلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن ئىجراسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇپا ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن ئىجراسى ۋە ئەدلىيەنى كۈچەيتىش؛ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچىنى تولۇقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز دۆلەت زاپىسىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، زاپاس ساقلاشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زاپىسىنى مەركەزلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئەشيا زاپاس ساقلاش ۋە يۆتكەش-توشۇش ئۇل ئەسلىھە تورىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دۆلەت زاپىسىنىڭ ئاساسى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. بۇ، زور خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېلىمىز چوڭ دۆلەت، چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ماس كېلىدىغان دۆلەتنىڭ زاپاس ساقلاش ئەمەلىي كۈچى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش كېرەك. «نېمىنى ساقلاش»، «كىم ساقلاش»، «قانداق ساقلاش» مەسىلىسىنى بىر تۇتاش ياخشى ھەل قىلىپ، زاپاسنىڭ تۈرى، كۆلىمى، قۇرۇلمىسىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىم ئەشيالار كەمتۈكلۈكىنى تېزدىن تولۇقلاش؛ بىرلىككە كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت ئورتاق قۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك ئۆزئارا تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىك، ئەشيا بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا زاپىسى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن زاپاس ساقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كاپالىتى ۋە رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلاپ، زاپاس ساقلاش مەسئۇلىيىتىنى تۈر ۋە دەرىجىگە ئايرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زاپاس ساقلاش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەشيا زاپىسىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش؛ ئىستراتېگىيەلىك زاپاسنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار زاپىسى ۋە ئۇنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك زاپاسنىڭ بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ زاپاس ساقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ساھەلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىمىزنىڭ ئەمەلى، سالمىقىنىڭ زور، ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشى مىسلىسىز بولدى. «14-بەش يىل»دا، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش قىلغان، بۇلغىما ئازايتىش بىلەن كاربوننى تۆۋەنلىتىشنىڭ ماسلاشما ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشتا سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە قاراپ قەدەم تاشلىغان ھالقىلىق مەزگىلگە قەدەم قويدى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەشتە چېتىلىدىغان زىددىيەت، مەسىلىلەرنىڭ قاتلىمى تېخىمۇ چوڭقۇر، ساھەسى تېخىمۇ كەڭ، تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سالماقنى، چوڭقۇرلۇقنى كەڭلىكنى ساقلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كۆپ خىل بۇلغىمىنى ماسلىشىپ تىزگىنلەش ۋە رايونلار ماسلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق تاشلاندۇق ۋە يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، «چەت ئەل ئەخلەتلىرى»نى ئىمپورت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە نۇقتىلىق رايون، مۇھىم ساھە، ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدىن چىقىش قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باھالاش تۈزۈم مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىش؛ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت سىغىمچانلىقىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش؛ كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش-تىرانسپورت قۇرۇلمىسى، يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ ئىجازەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، بايلىق تېجەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇھىت ئىقتىسادىي سىياسىتىنى، مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ سىستېمىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش، ئېغىر جەرىمانە قويۇش؛ ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەرقلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تۈزۈم جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىستاتىستىكىغا دائىر قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ زور بىر تۈركۈم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى، زور خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈنۈمى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق كۆزىتىش ۋە باھالاش؛ ئىستاتىستىكا تۈزۈمى، ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، سانلىق مەلۇماتلارنى توغرا ئىگىلەپ، نازارەتچىلىك نەتىجىسىنى ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش؛ ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، تەشكىلىي نازارەتچىلىك، كۆزىتىش نازارەتچىلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى قاتارلىقلار بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىستاتىستىكىنى نازارەت قىلىش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ