مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەكسىز ئورمانلىقتا يىلتىز تارتىپ، يېشىللىقنى قوغداش

− باش شۇجى شى جىنپىڭ يوقلىغان سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قايتا زىيارەت

2021.08.26 08:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8 - ئايدىكى سەيخەنبادا ھاۋا ئوچۇق ئىدى. ھەممە يەر يېشىللىققا تولغان بولۇپ، تۇتاش كەتكەن يېشىللىق دېڭىزىنى ھاسىل قىلغانىدى. خېبېي ئۆلكىسى سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى 1 مىليون 150 مىڭ مو ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە توققۇز كۆزىتىش مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «چەكسىز ئورمانلىقنىڭ كۆزى» دەپ ئاتىلىدۇ.

  8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى يۆلياڭشەن تېغىغا كېلىپ، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ تەبىئىي قىياپىتىنى تەكشۈردى، خېبېينىڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى سىستېمىلىق تۈزەش بىلەن ئورمانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش - قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنى يوقلىدى.

  سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ چيەن سېڭبەن شۆبە مەيدانى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 1900 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يۆلياڭشەن تېغىدا بولۇپ، ئۈچ قەۋەتلىك ئاق ئىمارەت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى، ليۇ جۈن، ۋاڭ جۈەن ئەر - خوتۇن بۇ كۆزىتىش مۇنارىدا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كۆزەتكۈچىسى ئىدى.

  «باش شۇجىنى باشتا كۆرگەندە، بەك جىددىيلىشىپ كەتتىم، لېكىن باش شۇجى بىز بىلەن مۇڭداشتى، ناھايىتى چىقىشقاق، مۇلايىم ئىكەن، ناھايىتى تېزلا ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇۋەتتىم» دېدى ۋاڭ جۈەن.

  ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىدىن كۆزەتكۈچى بولغۇچە ئىلگىرى - كېيىن 23 يىل ئۆتتى، بۇ بىر جۈپ ئەر - خوتۇن يالغۇزلۇق، جاپالىق تۇرمۇش مۇھىتى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ يەر يۈزىنى چارلاش، سىنلىق نازارەت قىلىش، ئوت چارلاش رادارى قاتارلىقلار بىلەن بىللە، ھەر ۋاقىت سەيخەنبانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

  خىزمەت ئورنى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، شارائىتى جاپالىق جايدا بولغاچقا، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ھازىرقى توققۇز كۆزىتىش مۇنارىنىڭ ھەممىسىدە ئەر - خوتۇن كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئوبرازلىق قىلىپ ئۇلارنى «ئەر - خوتۇن كۆزىتىش مۇنارى» دەپ ئاتايدۇ.

  «باش شۇجى بىزنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىمىز ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىمىزغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.» ليۇ جۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قاتناش قولايسىز، سۇ ئىچىش قىيىن ئىدى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى تاغقا ئېلىپ چىققان سۇ ئاددىي سۇ ئورىسىدا ساقلىناتتى، بىر ئاپتوموبىل سۇنى يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ئىچەتتۇق، ھەر 15 - 10 كۈندە موتوسىكلىت بىلەن تاغدىن چۈشۈپ تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالاتتۇق. قار تاغ يولىنى توسۇۋالغاندا، ئورمانچىلىق مەيدانى قوماندانلىق ئىشتابى يەيدىغان نەرسىلەرنى تاغ قاپتىلىغىچە يەتكۈزۈپ بېرەلەيتتى، بىز يەنە ئاز - ئازدىن يۈدۈپ ئېلىپ چىقاتتۇق. «ھازىر سەيخەنبادىكى بارلىق كۆزىتىش مۇنارلىرىنىڭ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، سۇ ئىچىش، توك ئىشلىتىش، تورغا چىقىش ناھايىتى قولايلاشتى».

  ليۇ جۈن مۇنداق دېدى: ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە، بىز ھەر كۈنى كۆزىتىش مۇنارى ئەتراپىدىكى 20 كىلومېتىرغا يېقىن دائىرىدىكى ئورماننى قەرەللىك كۆزىتىپ، كۈندۈزى ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئىشتابىغا ئورمان رايونىدىكى ئوت ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىمىز، نۇقتىلىق مەزگىلدە، كېچىسى يەنە ھەربىر سائەتتە بىر قېتىم ئەھۋال مەلۇم قىلىمىز، شۇنچە يىللار ئۆتتى، گەرچە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋال مەلۇم قىلىشنىڭ مەزمۇنى «ھەممە ئىش نورمال» بولسىمۇ، لېكىن بىز كۆزىتىش خىزمىتىنى ئەزەلدىن بوشاشتۇرۇپ قويمىدۇق.

  سەيخەنبادىكى مىليون مولۇق چەكسىز ئورمانلىققا ئۈچ ئەۋلاد سەيخەنبالىقلارنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن، بولۇپمۇ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلىدە، كۆزەتكۈچىلەر ھەر كۈنى ئىنتايىن ھوشيار تۇرىدۇ. «بەزىدە بىر يەرلەرگە ئوت كېتىپ، تېلېفون قىلالماي چۈش كۆرۈپ، جىددىيلەشكىنىمدىن ئويغىنىپ كېتىمەن» دېدى ۋاڭ جۈەن.

  سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەن چاڭمىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى 2017 - يىلى 8 - ئايدا سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى قۇرغۇچىلىرىنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەرگەن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىزگە <مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى> دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى، بۈگۈن يەنە بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، بۇ ھەم سەيخەنبادىكى نەچچە ئەۋلاد ئورمانچىلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئورمانچىلارغا بولغان ئىلھام ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر».

  59 يىل مابەينىدە، ئۈچ ئەۋلاد سەيخەنبالىقلار ياشلىق باھارى، قان - تەرى، ھەتتا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىپايان چۆل - باياۋاندا 1 مىليون 150 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن ئۈچۈن نەم قۇمنى توسۇيدىغان «يېشىل سېپىل» بەرپا قىلىپ، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسى»گە ئايلىنىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى جانلىق شەرھلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت - پىلان مەھكىمىسى تەرىپىدىن «يەر شارى مۇھاپىزەتچىسى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

  «باش شۇجى مۇنداق دېدى: سەيخەنبا روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بۇ خىل روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېشىل ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.» سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى شاڭخەي خاتىرە ئورمىنى نەق مەيدانىدا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى چېن جىچىڭ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتەك سەيخەنبا روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۇ ئورمانلىقنى ياخشى پەرۋىش قىلىمىز، ياخشى قوغدايمىز، ياخشى باشقۇرىمىز».

  چېن جىچىڭ مۇنداق دېدى: «بىز يېڭى دەۋردىكى سەيخەنبانىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئىككىنچى قېتىم ئىگىلىك تىكلەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىمىز، 2030 - يىلىغا بارغاندا، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئورمان كۆلىمىنى 1 مىليون 200 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %86كە ئۆستۈرىمىز، ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇقىم، ساغلام، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، ئېكولوگىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىمىز. جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، سەيخەنبانى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىمىز».

  (مۇخبىرلار ساۋ گوچاڭ، دۇ يىفاڭ، فېڭ ۋېيجيەن، گاۋ بو)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ