مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇرتداشلارنى مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئاۋا خەلقىنىڭ بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىشقا ئىلھاملاندۇردى

2021.08.23 12:15 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، يۈننەن ئۆلكىسى ساڭيۈەن ناھىيەسىنىڭ چېگرا كەنتلىرىدىكى پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىلىرىنى

  يۇرتداشلارنى مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئاۋا خەلقىنىڭ بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىشقا ئىلھاملاندۇردى

  جاۋاب خەت

  يۈننەن ئۆلكىسى ساڭيۈەن ناھىيەسىنىڭ چېگرا كەنتلىرىدىكى پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىلىرى:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى ئوقۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاۋا تاغلىق رايونىغا ئېلىپ كەلگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلىرىنى ئىگىلەپ، ئاۋا خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ پارتىيەگە تەلپۈنىدىغانلىقى، قەلبىنىڭ دۆلەتكە تەلپۈنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سەمىمىي ھېسسىياتىنى ھېس قىلىپ، مەن ناھايىتى سۆيۈندۈم.

  سىلەر ھەممىڭلار پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىلىرى، ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا رايوندا خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، چېگرا ئاھالىسىنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتتىڭلار. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بەختلىك تۇرمۇشقا قەدەم قويۇشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى، بىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، چېگرا رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سىلەرنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇڭلارنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ياخشى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغداپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى ياخشى قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى ئاۋا خەلقىنىڭ بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يۇرتداشلارغا سالام يوللايمەن!

  شى جىنپىڭ

  2021 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى يۈننەن ئۆلكىسى ساڭيۈەن ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چېگرا كەنتلىرىدىكى پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ گۈزەل يۇرت ـ ماكاننى ياخشى بەرپا قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغداپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى ياخشى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: خېتىڭلارنى ئوقۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاۋا تاغلىق رايونىغا ئېلىپ كەلگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلىرىنى ئىگىلەپ، ئاۋا خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ پارتىيەگە تەلپۈنىدىغانلىقى، قەلبىنىڭ دۆلەتكە تەلپۈنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سەمىمىي ھېسسىياتىنى ھېس قىلىپ، مەن ناھايىتى سۆيۈندۈم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەر ھەممىڭلار پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىلىرى، ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا رايوندا خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، چېگرا ئاھالىسىنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتتىڭلار. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بەختلىك تۇرمۇشقا قەدەم قويۇشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى، بىز يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، چېگرا رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سىلەرنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇڭلارنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، گۈزەل يۇرت ـ ماكاننى ياخشى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغداپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى ياخشى قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى ئاۋا خەلقىنىڭ بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭيۈەن ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى چېگرا رايونىغا جايلاشقان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ۋازۇ مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەڭ چوڭ ناھىيە بولۇپ، شۇ جايدىكى ۋازۇ مىللىتى ئاممىسى ئەزەلدىن ۋەتەننى سۆيۈپ، چېگرانى قوغداشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شۇ جاي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، كېسەل كۆرسىتىش، دوختۇرخانىدا يېتىش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلدى. 2019 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، بۇ ناھىيەدىكى 67 نامرات كەنت، 40 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. يېقىندا، بۇ ناھىيەنىڭ بەنخۇڭ يېزىسى، بەنلاۋ يېزىسىدىكى توققۇز چېگرا كەنتنىڭ ئون پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ۋازۇ خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ياخشى كۈنگە ئېرىشكەنلىك ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يۇرتىنى تېخىمۇ گۈزەل، باياشات قىلىپ بەرپا قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ