مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەمدە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2021.08.23 10:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوڭ ياۋشېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ كەينىڭ ھەمراھلىقىدا خېبى، شىنشياڭ، جېڭجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ خېبى شەھىرىنىڭ يۈەنجۇاڭ كەنتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۆيدىكى ئاشلىق ۋە بۇيۇملارنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ يېمەك -ئىچمەك، تۇرالغۇ مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىۋاتقانلىقى، ياردەم پۇلىنى ئالغان-ئالمىغانلىقىنى سورىدى. ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرلىكتىكى يولداشلارغا كەسپىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ، مۇھىتنى ئۈزۈل- كېسىل دېزىنفېكسىيەلەپ، ئۆلگەن چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، چوڭ ئاپەتتىن كېيىنكى چوڭ يۇقۇم كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تاپىلىدى. ئۇ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: شىمالىي خېنەن كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاز كۆرۈلىدىغان چوڭ ئاپەتكە ئۇچرىدى، بۇ يەر كەلكۈننىتوسۇش رايونى، سىلەر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە تۆھپە قوشتۇڭلار، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىڭلارغا ياردەم بېرىدۇ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا مەدەت بېرىشكە مەركەز زاپاس خىراجەت ئاجراتتى، ئۆي قاتارلىق مال- مۈلۈك زىيىنىغىمۇ تۆلەم بېرىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ يۇرت-ماكانىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىمىز. لى كېچياڭ يەنىلا سۇ يىغىلىپ قالغان ئېتىزلارغا كىرىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يەر ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايون، دۆلەت قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، زىياننى ئازايتىدۇ.

  لى كېچياڭ شىنشياڭ ۋېيخۇي شەھىرىدە ۋېيخې دەرياسىنىڭ يار ئېلىپ كەتكەن بۆلىكىنى رېمونت قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا، كىچىك سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، دەريا يولى ۋە كەلكۈننىتوسۇش رايونىنى ئىلمىي پىلانلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.لى كېچياڭ جېڭجوۋ مېترو 5-لىنىيەسى تونېلىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەر قۇرۇلۇشىدا «ئەستەر» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك. شەھەر ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەپ، قۇرۇلۇش ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، چېكىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش ئۆلچىمىدە يېتەرلىك ئېشىنچا قالدۇرۇپ، ھاياتلىقنى ئەلا بىلىش، خەتەردىن ساقلىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جىددىي ئەھۋالدا مېترو، تونېل قاتارلىقلارنى توختىتىشقا توغرا كەلسە توختىتىپ، پېچەتلەشكە توغرا كەلسە پېچەتلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال -مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قارا يامغۇردا ئېغىر تالاپەت كۆرۈلدى، بۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. گوۋۇيۈەن خېنەن جېڭجوۋدا «20- ئىيۇل» پەۋقۇلئاددە زور قارايامغۇر ئاپىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن -بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى، شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا ئۆيىگە سۇ كىرىپ كەتكەن ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى تاپىلىدى. ئۇ يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا كېلىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى قوللاش سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  لى كېچياڭ جېڭجوۋ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىگە كېلىپ، خېنەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دوكلاتىنى ئاڭلاپ، يەرلىكتىكى يولداشلار ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خادىملىرىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى مەيدان قاتتىق جەڭنى قىلچە بوشاشماي ياخشى قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۇچۇرنى ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  لى كېچياڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىندا مۇنداق دېدى: ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ خىزمەتنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەرلىكتىكىلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، سۇ بۇزۇۋەتكەن ئېتىزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈزلۈك، قىشلىق تېرىلغۇ ۋە ئۆيلەرنى قايتا قۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى ياخشى تۇتۇپ، سۇ بۇزۇۋەتكەن مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كارخانا، سودىگەرلەرنىڭ ئىشنى، كەسىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش-يۆلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر ئارقىلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىك ئاپىتى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىش كېرەك. مەركەز زاپاس خىراجەت،پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارئارقىلىق مەبلەغ، سىياسەت جەھەتتىن كۈچلۈك قوللايدۇ. ھازىر كەلكۈن مەزگىلى تېخى ئۆتۈپ كەتمىدى، مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خېنەن قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا يەنە قارايامغۇر يېغىشى مۇمكىن ئىكەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق بوشاشماي ياخشى ئىشلەش كېرەك.ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ