مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​«مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ شان - شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلىنىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان»

2021.08.26 08:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەلق گېزىتىنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى «مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ شان - شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلىنىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان»نى تارقاتتى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ھازىر، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قەتئىي تۈردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز».

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە قارىتا بىرقاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مىللەتلەر رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قايتا - قايتا يۈزتۇرا پىكىرلەشتى. قارلىق ئېگىزلىكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدا، غەربىي جەنۇبتىكى چېگرا رايوننىڭ ھەممىسىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ مەزمۇت ئاياغ ئىزىنى ۋە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى قالدۇردى.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتا، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ماقالە ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ: دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى؛ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىش؛ ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىش؛ جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق نىشانى. بۇ ئارزۇ ۋە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلغاندىلا، چوقۇم توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى، چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كەلگىلى، چوقۇم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ