مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ناچۈگە بېرىپ ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى

2021.08.24 20:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ 20-ئاۋغۇست مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ ناچۈ شەھىرىگە بېرىپ، ناچۈدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  20-چېسلا سەھەردە، ۋاڭ ياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ ناچۈ شەھىرىگە باردى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى پويىزدىن چۈشۈپلا سېنى رايونى گارد ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا باردى. ۋاڭ ياڭ پارنىكقا كىرىپ، بازىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوت-چۆپ تېرىش، قوتاز سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى ئەنئەنىۋى پىششىقلاش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، بازىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  ناچۈدىكى مەزگىلىدە، ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار ناچۈ شەھىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەمدە ناچۈ شەھىرىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «گۈزەل، بەختلىك شىزاڭ قۇرۇپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىمىسىنى تەقدىم قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكتىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ۋاڭ ياڭ شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ناچۈنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 7-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىزاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى ناچۇ قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ سېنى رايونى لوما بازىرى كەيما كەنتىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بەدەل تۆلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، يۇرتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋاڭ ياڭ چارۋىچى پۇسىرېننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى سوۋغا قىلغان خاتىرە بۇيۇملارنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، باياشات، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ۋاڭ ياڭ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۇلارنى داۋاملىق ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  سېنې رايونىغا جايلاشقان خاڭجيا ئوتتۇرا مەكتىپى 2017-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ «13-بەش يىل»لىق شىزاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىدىكى ئەڭ چوڭ يەككە تۈر، ھازىر 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى. ۋاڭ ياڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مائارىپ ئارقىلىق شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، شىزاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ناچۈ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەۋەتكەن بەش تۈركۈم «ئۆمەك شەكىللىك» شىزاڭغا ياردەم بېرىش خادىملىرىنى كۈتۈۋالدى، دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كاپالەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ۋاڭ ياڭ دوختۇرخانىنىڭ ئېگىزلىك تېببىي تەتقىقات مەركىزىگە كىرىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، شىزاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تېببىي خادىملارنىڭ شىزاڭنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنى داۋاملىق ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ مېھرىبانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئېگىزلىك خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق، بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ۋاڭ ياڭ يەنە ناچۈ شەھىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز پەن-تېخنىكىلىق كۆچەت تىكىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، بېيجىڭ-شىزاڭ دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ناچۈ-ياڭباجىڭ بۆلىكىدە قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تاشيولدا قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن جاڭ چىڭلى، مياۋ خۇا ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ