مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.08.23 10:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو__ئەرەب دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو __ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەرىكەتنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىنى داۋاملىق ساقلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قىيىنچىلىقنى تەڭ يېڭىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، تىنچلىق، تەرەققىياتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو __ ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ!

  5-نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى نىڭشيانىڭ يىنچۈەندە باشلاندى، كۆرگەزمىنى سودا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ۋە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ