مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 99- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئالاقىدار لايىھە ۋە قارالمىلارغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2021.08.23 10:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 99-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى فېي يىغىنغا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات، رېۋىزورلار قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات، قانۇن ياردىمى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات، كەسپىي ۋىراچلار قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات، ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ مەھكىمە ۋە قىسمەن رايونلاردا تۆت دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت دەرىجىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئالاقىدار لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدا دوكلات ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، قارار لايىھەسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ