مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ لاساغا بېرىپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2021.08.20 10:06 مەنبە: خەلق تورى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى،بەيما چىلىن، پابالا گېلىلاڭجيې قاتارلىقلارنى سەمىمىي يوقلىدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 8–ئاينىڭ 18–كۈنى چۈشتە لاساغا يېتىپ بېرىپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرودرومدا شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  8-ئايدىكى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، كېسان گۈللىرى ئېچىلغانىدى. لاسا گوڭگا ئايرودرومىدا داقا - دۇمباقلار چېلىنىپ، كەيپىيات قىزغىن بولدى.سائەت 12دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى گۇڭگا ئايرودۇرۇمىغا ئاستا-ئاستا قوندى، ئايروپىلان توختاش سۇپىسىدا ساقلاپ تۇرغان شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش ساداسى ياڭراتتى. ۋاڭ ياڭ ئايروپىلان ئىشىكىدىن چىقىپ، قارشى ئالغۇچى ئاممىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەيما چىلىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا بىرلىكتە ئايروپىلاندىن چۈشتى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىرلا ۋاقىتتا يېتىپ كەلدى.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ يىڭجيې، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لوساڭ جياڭسۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى چىزالا قاتارلىقلار ئايروپورتتا تىزىلىپ قارشى ئالدى. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان تەخمىنەن 500 ۋەكىل بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، رەڭگارەڭ گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ، شوخ مىللىي ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، بېيجىڭدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارغا خادا، ئارپا ھارىقى ۋە مول ھوسۇلنىڭ سىمۋولى بولغان چېمانى تەقدىم قىلدى.

  قەدىمىي شەھەر لىخاسا ئاممىسى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۆمدى. ئايرودۇرۇمدىن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى چۈشكەن مېھمانسارايغىچە، يول بويىدىكى ئاساسلىق كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەڭلىك بايراقلار، لوزۇنكىلار ۋە پىلاكاتلار ئېسىلىپ، خۇشاللىق ھېسسىياتى ئىپادىلەندى.

  8-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى باشلاپ شىزاڭ مۇزېيىغا كېلىپ، «پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى چېگرا رايوننى يورۇتتى گۈزەل ئېگىزلىك سەھىپىسى __ شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ئۇلۇغ مۇساپە ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەردىن تەركىب تاپقان. كۆرگەزمىدە شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشى، دېموكراتىك ئىسلاھات، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇشى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش تارىخىي مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەر تولۇق نامايان قىلىندى.

  ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، بىر تەرەپتىن كۆرگەزمە تاختىسىنى تەپسىلىي كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. «17-ماددىلىق كېلىشىم»نى ئىمزالاش مۇراسىمىنىڭ تارىخىي سۈرىتى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ كۆرگەزمە تاختىسى، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ دىئاگراممىسى، «شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىش نىزامى»نىڭ سۈرەتلىرى . . . كۆرگەزمە تاختىلىرى، سۈرەت دىئاگراممىلاردا 70 يىلدىن بۇيان شىزاڭنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن تېز تەرەققىياتى جانلىق نامايان قىلىنغان ئىدى. ۋاڭ ياڭ پات-پات قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، شىزاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، 8–ئاينىڭ 18–كۈنى كەچتە، ۋاڭ ياڭ لاسا مېھمانخانىسىدا شىزاڭدىكى رەھبىرىي كادىرلار، پېشقەدەم يولداشلاردىن بەيما چىلىن، پابالا گېلىلاڭجيې ۋە لې چۆ، باساڭ ھەمدە ئاپېي ئاۋاڭجىنمېي قاتارلىق يولداشلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ۋاڭ ياڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى بەھرىلىنىۋاتقان يۈكسەك ئىناۋىتى ۋە يېڭى شىزاڭ قۇرۇلۇشىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  لې چۆ، باساڭ قاتارلىق يولداشلار سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق كۆپرەك تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 22 كىشى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن لاساغا بېرىپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ