مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىراق زۇڭتۇڭى بەرھەم بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.08.20 09:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىراق زۇڭتۇڭى بەرھەم بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىراق يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. ئىراق خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ ئىراقنىڭ ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇشىغا پائال قاتناشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە، ئەمەلىي ھەمكارلىق پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئىراق بىر - بىرىنى قوللاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئىراق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىراق تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىراقنىڭ ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىراقنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىراق تەرەپنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئىراق خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق سىرتقى كۈچنىڭ ئىراقنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ئىراقتىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى سىياسىي مۇساپىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوست دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  بەرھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم، زور ئىش، جۇڭگونىڭ بۇنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كەلگۈسى مۇساپىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئىراق بىلەن جۇڭگونىڭ ھەممىسى ئۇزاق تارىخىي ئۇلۇغ مەدەنىيەتكە ئىگە. ئىراق تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى چۈشىنىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئىراق تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىراقنىڭ ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇشى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئىراق - جۇڭگو دوستانە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىراق تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ