مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

27-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2021.08.19 11:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى بۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1–ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، باشقۇرۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتەچىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شارائىتى ۋە دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ