مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى

«ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2021.08.19 11:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ نېرۋا مەركىزى، تور بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. نۆۋەتتە، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى دۇچ كەلگەن بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇپ، تور ھۇجۇمى تەھدىتى ۋەقەلىرى كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ. «نىزام»نى تۈزۈپ يولغا قويۇش، مەخسۇس قوغداش تۈزۈمى ئورنىتىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق.

  بىرىنچى، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دائىرىسى ۋە قوغداش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى، نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: نۇقتىلىق ساھە ۋە ساھەلەردىكى مۇھىم تور ئەسلىھەلىرى، ئۇچۇر سىستېمىسى ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تەۋە بولۇپ، دۆلەت ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نۇقتىلىق قوغدايدۇ، تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى تور بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرى ۋە تەھدىتىنى كۆزىتىپ، مۇداپىئەلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش، بېسىپ كىرىش، كاشىلا قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلاپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ. قوغداش خىزمىتىدە ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇش، قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

  ئىككىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى «نىزام» ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى بويىچە يولغا قويىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بېكىتىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «نىزام»دا بېكىتىش خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلى ۋە بېكىتىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ساھە بېكىتىش قائىدىسى بويىچە، دۆلەت ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بېكىتىش نەتىجىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، مۇھىم تور ئەسلىھەلىرى، ئۇچۇر سىستېمىسىنى قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  تۆتىنچى، تىجارەت قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ تور بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەخسۇس بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش، بىخەتەرلىكنى كۆزىتىش ۋە خەۋپ - خەتەرنى باھالاش، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسى ياكى تور بىخەتەرلىكى تەھدىتىنى دوكلات قىلىش، تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  بەشىنچى، كاپالەت ۋە ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا ساھە بىخەتەرلىكىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىش، كۆزىتىش-سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەشكە تەشكىللەش، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش ۋە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  ئالتىنچى، قانۇن جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى تىجارەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا جازالاش، چارە كۆرۈش، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قانۇنسىز بېسىپ كىرگەن، كاشىلا قىلغان، بۇزغۇنچىلىق قىلغان، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ