مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.08.20 09:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى گىرەلەشكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئىران ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىللە، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملىدى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىدى. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ ئىران بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى قىلچە تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ئاچتى. ئىككى تەرەپ يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى مەسىلىسىدىكى مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلىپىنى قوللايدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لەيشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. قەتئىي تەۋرەنمەي تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىران - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئالدىن تاللاش ۋە مۇھىم نۇقتا. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىراننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئادىل مەيداندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەككە تەرەپچىللىك، زومىگەرلىك ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى بېسىشى ۋە توسۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىككە تولغان، ئىران تەرەپ پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ