مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش يېڭى ئەھۋالىغا قارىتا دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەشنى كۈچەيتىش؛ «14-بەشيىل»لىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانىغا قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى

2021.08.18 13:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8– ئاينىڭ 16–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش يېڭى ئەھۋالىغا قارىتا دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەشنى كۈچەيتىش؛ «14-بەش يىل»لىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانىغا قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ جايلىرىدا ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەردى، كۆپ ئۆلكە، كۆپ نۇقتىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلدى، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىدا يۇقىرى داۋالغۇش بولدى، خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشتى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، يۇقۇمنى توسۇش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. جايلار مەسئۇلىيەت ۋە تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، بولۇپمۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئۆتكەلنى چىڭ ساقلىشى كېرەك. كەلكۈن قاتارلىق ئاپەتتىن سىگنال بېرىش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش كېرەك. قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۈزلۈك ئاشلىقنى تولۇقلاپ تېرىش، ئۆزگەرتىپ تېرىش، كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن ئېتىز ۋە ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زەي چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنىڭ كىرىمى ۋە تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بازار سۇبيېكتىلىرىنى كۈچەپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. بەلگىلەنگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى توسۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەبلىغى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇھىم خام ئەشيا-ماتېرىياللار باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، زاپاس ساقلاش- تارقىتىشنى ئىلمىي تەشكىللەپ، نۇقتىلىق تاۋارلار بازىرىنى ھەمتۈرتكە قىلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى مېخانىزمىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، شىمالدىكى رايونلار ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىللىق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، سىياسەتنى بىرىكتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس قەرزدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك.يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز شەھەر-بازارلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ماكرولۇق سىياسەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بازار يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچى، مالىيە، پۇل قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تور ۋە تور سىرتىدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشنى چۈشەپ قويىدىغان توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، كارخانىچىلار روھىنى قوغداپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت، يېڭى سودا ئەندىزىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، مېخانىزم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلار قاتارلىقلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىشنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە چوڭ ياشلىقلار، ئايال ئەمگەكچىلەر قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچى، بازارغا يۈزلىنىپ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ