مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى لايىھەسى، رېۋىزورلار قانۇنى لايىھەسى، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.08.18 19:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنى 17-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 153 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جياڭ بىشىننىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا شەخسلەر ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قوللىنىشچان پىروگراممىنىڭ شەخسلەر ئۇچۇرىنى زىيادە توپلىشى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق كونا خېرىدارلارنى ئالداش، شۇنىڭدەك شەخسلەر ئۇچۇرىنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش، ئاشكارىلاش قاتارلىقلار قاراتمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ياخشى ئىشلىنىپ، شەخسلەر ئۇچۇرىنىڭ چېگرا ھالقىپ تەمىنلىنىش قائىدىسى ۋە ئەرز قىلىش، پاش قىلىشنى قوغداش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  يىغىندا جياڭ بىشىننىڭ رېۋىزورلار (رېۋىزىيە ئەمەلدارلىرى) قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىغا رېۋىزورلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە قوشۇلۇپ، رېۋىزورلارنى قوبۇل قىلىش، تاللاشنى قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ رېۋىزورلارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ رېۋىزورلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا جياڭ بىشىننىڭ قانۇن ياردىمى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىغا دۆلەتنىڭ قانۇن مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ قانۇن بويىچە رايون ھالقىپ يۆتكىلىش تۈزۈمى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت-ياقا رايونلاردا قانۇن ياردىمى بېرىشنى قوللاش، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىنسانىي ھوقۇققا قارىتا قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار قوشۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىننىڭ دوختۇرلار قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا دوختۇرلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش خەۋپ-خەتىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلام دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دوختۇرلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا قاتنىشىش جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش ماددىلىرى، دوختۇرلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ نىڭنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىغا شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەزمۇنى قوشۇلۇپ، تۇنجى قېتىملىق ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىشنىڭ ۋاقىت چېكى تەلىپى ۋە توردا تىزىملاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئايال ھەربىيلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەر قوشۇلدى.

  ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى يۇقىرىقى بەش لايىھەنى خېلى پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جوۋ گۇاڭچۈەننىڭ تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىغا تەشكىللىك جىنايەتكە قارشى تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە قوشۇلدى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىلىدىغان تەشكىللىك جىنايەتكە قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، چېگرا سىرتىدىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە قانۇن تەتبىقلاش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شۈ خۇينىڭ ئائىلە تەربىيەسى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا قانۇن نامى ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، ئائىلە تەربىيەسى ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشقا ياكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىلھام بېرىلدى ۋە مەدەت بېرىلدى، مائارىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا قارىتا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئائىلە تەربىيەسى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا ۋاڭ نىڭنىڭ قۇرۇقلۇق چېگرا قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا چېگرا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇقلۇقتىكى دۆلەت چېگراسى تەشۋىقات-تەربىيەسىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىش، چېگرا ئايرىش شەرتنامىسى، چېگرا تەكشۈرۈش شەرتنامىسى تۈزۈشنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى قاتارلىقلار ئېنىق بەلگىلەندى.

  يىغىندا مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاش، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىنى ئېچىۋېتىش ۋە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى شۆيۇڭ ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىلدى. بۇ قېتىمقى تۈزىتىشتە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئوبيېكتى كۆپەيتىلىپ، تەتبىقلاش دائىرىسى تەڭشىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە شاۋقۇننى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەش كۈچەيتىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى گاۋ خۇچېڭ ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش دائىرىسى ۋە قوغداش ھالقىسى كېڭەيتىلىپ، ماھىيەتلىك ھاسىلىي سورت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ھوقۇققا چېقىلىش تۆلىمى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۈزۈم يېتەكچىلىكى ئارقىلىق دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى قوزغىتىلدى. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ليۇ جېنۋېي ئىزاھات بەردى.

  تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشىلاپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاققىچە تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى» قوشۇمچە ھۆججەت ئۈچتە كۆرسىتىلگەن مەملىكەتلىك قانۇنلارنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى» قوشۇمچە ھۆججەت ئۈچتە كۆرسىتىلگەن مەملىكەتلىك قانۇنلارنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ ئىزاھات بەردى.

  دۆلىتىمىزنىڭ دەۋا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۆت دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت دەرىجىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سوت دەرىجىسىنىڭ چەكلىشىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ توغرا، بىرتۇتاش تەتبىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ مەھكىمە ۋە قىسمەن رايونلاردا تۆت دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت دەرىجىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋۇ يۈلياڭنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يەنە ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ