مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو - ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.08.18 08:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو - ئىران مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. 2016 - يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئىران جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داستانىنى پۈتتى. مەن جۇڭگو - ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ لەيشى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  لەيشى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران بىلەن جۇڭگو ھەر ئىككىسى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى خۇددى پەلەككە تاقاشقان قەدىمىي دەرەخكە ئوخشاش نەچچە مىڭ يىللىق دوستلۇق ئالاقىسىدىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىغا چوڭقۇر، پۇختا ئاساس سالدى. ئىران تەرەپنىڭ تىرىشىپ ئاجايىپ ئىران - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئىرادىسى مۇستەھكەم. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئالتىنچى ئون يىلغا قەدەم قويغان پەيتتە، ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىران - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ