مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ھەمكارلىقى خەلقئارا مۇنبىرىنىڭ تۇنجى يىغىنىغا يازما سۆز قىلدى

2021.08.06 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ھەمكارلىقى خەلقئارا مۇنبىرىنىڭ تۇنجى يىغىنىغا يازما سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل 5-ئايدا، مەن دۇنيا ساغلاملىق باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاشتىكى بەش تۈرلۈك تەدبىرىنى ئېلان قىلدىم، بۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ھەمكارلىقى خەلقئارا مۇنبىرى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغان، تەتقىق قىلىپ ياسىغان دۆلەتلەر، كارخانىلار، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار تەرەپلەر بىرلىكتە دۇنيادا ۋاكسىنىنى ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نۆۋەتتە، يۇقۇم قايتىلىنىپ، ۋىرۇستا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. مەن بۇ قېتىمقى مۇنبەر يىغىنىنىڭ دۇنيادا ۋاكسىنىغا ئادىل ئېرىشىشتە يېڭى قەدەم تاشلاش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش، ئىنسانلارنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى پائال قانات يايدۇردى. بۇ ۋاكسىنىنىڭ يەر شارىنىڭ ئاممىۋىي مەھسۇلاتى بولۇشىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت. جۇڭگو قۇربىنىڭ يېتىشىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ. بۇ يىل پۈتۈن بىر يىلدا، جۇڭگو تىرىشىپ يەر شارىنى 2 مىليارد تال ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا تەقسىملەشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»غا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ۋاكسىنا خەلقئارا ھەمكارلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ