مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى سېلىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساغلام جۇڭگو توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان»

2021.08.09 11:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خەلق گېزىتىدە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى سېلىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساغلام جۇڭگو توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان» ناملىق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىندى.

  «زامانىۋىلىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى يەنىلا خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بۇ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. بۇ ئىشنى چىڭ تۇتۇشتا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت جەزمەن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك ئىدىيە بولۇشى كېرەك.» بۇ يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق كۆرسەتتى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى بېكىتىپ، «<ساغلام جۇڭگو 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش چاقىرىقىنى چىقىرىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ زور سىياسەت، فاڭجېن ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە ئاساسىي داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئادىللىقى، مەنپەئەتلەندۈرۈشچانلىقىنى سىجىل ياخشىلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تېببىي دورا-سەھىيە سىستېمىسى سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى سېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ماقالە توققۇز قىسىمغا بۆلۈنگەن: خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش؛ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تەدبىرى؛ داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ تېببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ پەن-تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ كېسەلگە قارشى كۈرەش قىلىشىدىكى ئۆتكۈر قورال؛ جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى پەن تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش؛ تەنھەرىكەت-چېنىقىشنى خەلقنىڭ ساغلاملىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈش؛ خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش؛ ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى ھەربىر كىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بەختلىك تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىش، قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا، زىچ توقۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلساق، بىز چوقۇم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، چوقۇم ساغلاملىق بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، چوقۇم ھەممە ئادەمنىڭ ساغلاملىقتىن بەھرىمەن بولۇش گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، چوقۇم خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ