مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «خەلقئارا ياش يېتەكچىلەر سۆزلىشىشى» تۈرىگە قاتناشقان چەت ئەللىك ياشلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇردى

2021.08.13 09:31 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  «خەلقئارا ياش يېتەكچىلەر سۆزلىشىشى» تۈرىگە قاتناشقان چەت ئەللىك ياشلار ۋەكىللىرى:

  ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىلەر ھەممىڭلار جۇڭگودا ئۆگىنىۋاتىسىلەر، خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىسىلەر، بۇ قېتىم ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ چوڭقۇر زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، جۇڭگوغا بولغان تونۇشۇڭلار ۋە چۈشىنىشىڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىڭلاردىن مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم.

  خۇددى سىلەر خېتىڭلاردا ئېيتقاندەك، جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەجرىگە تايىنىپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا باياشات، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت يارىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن ھاللىق تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بەختلىك بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇش، ئۆز يولىدا مېڭىش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى بىلدۈردىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ.

  ياشلىق ھەمىشە ئارزۇغا ھەمراھ بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن بىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتىمىز ۋە ئارزۇيىمىز ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز داۋاملىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى-ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز. بىز خەلقئارادىكى تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، جۇڭگو-چەت ئەل ياشلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سىلەرنىڭ جۇڭگودىكى ھەممە ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى دۆلەت رەئىسى

  شى جىنپىڭ

  2021-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 10-كۈنى «خەلقئارا ياش يېتەكچىلەر سۆزلىشىشى» تۈرىگە قاتناشقان چەت ئەللىك ياشلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پائال تۈردە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگوغا بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى تەرىپلىدى، ئۇلارنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر ھەممىڭلار جۇڭگودا ئۆگىنىۋاتىسىلەر، خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىسىلەر، بۇ قېتىم ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ چوڭقۇر زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، جۇڭگوغا بولغان تونۇشۇڭلار ۋە چۈشىنىشىڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىڭلاردىن مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇددى سىلەر خېتىڭلاردا ئېيتقاندەك، جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەجرىگە تايىنىپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا باياشات، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت يارىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن ھاللىق تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بەختلىك بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇش، ئۆز يولىدا مېڭىش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى بىلدۈردىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياشلىق ھەمىشە ئارزۇغا ھەمراھ بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن بىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتىمىز ۋە ئارزۇيىمىز ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز داۋاملىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى-ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز. بىز خەلقئارادىكى تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، جۇڭگو-چەت ئەل ياشلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  «خەلقئارا ياش يېتەكچىلەر سۆزلىشىشى» تۈرى جۇڭگو تەرەپ ئاقىللار ئامبىرى ئورگىنى تەشەببۇس قىلغان جۇڭگو-چەت ئەل ياشلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى. يېقىندا، بۇ تۈرگە قاتناشقان 28 دۆلەتتىن كەلگەن 36 چەت ئەللىك ياشلار ۋەكىلى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، ئۇلار جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زىيارەتتە بولغاندىكى تەسىراتلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى، كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، سۆزلىشىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ