مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولداش شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.08.18 08:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت-ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت-ماتېرىيال نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم قول يازمىسىدىن 72 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قول يازمىلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. يولداش شى جىنپىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى، ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يول تاللىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان يېڭى تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ